خىتاينىڭ شېنجىن شەھىرىدە يالغان تېررورلۇق ئۇچۇرى تارقاتقانلار قولغا ئېلىندى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015-12-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى شېنجېن شەھىرىدە يالغان تېررورلۇق ئۇچۇرى تارقاتقىنى ئۈچۈن بىرقانچە كىشى قولغا ئېلىندى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ 29-دېكابىردىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، شېنجېن شەھىرىدىكى ساقچى دائىرىلىرى دۈشەنبە كۈنى ئىككى كىشىنىڭ «نەچچە يۈزلىگەن تېررورچى بۇ شەھەرگە يېتىپ كەلدى» دېگەن يالغان ئۇچۇرنى تارقاتقىنى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە ئىنتېرنېت تورىدا تارقالغان يالغان ئۇچۇردا «يىراق غەربىي شىمالدىكى شىنجاڭلىقلاردىن 300 كىشى ئىسلام دۆلىتىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن بۇ شەھەرگە يېتىپ كەلگەن، ئاگاھ بولۇڭلار» دېگەن بايانلار يېزىلغان.

خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزىتىش تورىنىڭ 28-دېكابىردىكى «شېنجېندا 7 كىشى تېررورلۇق ۋەقەسى ھەققىدە يالغان ئۇچۇر تارقاتقىنى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە شېنجېننىڭ فۇتىيەن رايونىدىكى ساقچىلارنىڭ 12-ئاينىڭ 24-25-كۈنلىرى ئۈندىدار توپىدا «شېنجېندا تېررورچىلار بار» دېگەن يالغان ئۇچۇرنى تارقاتقان 5 كىشىنى تۇتقانلىقى ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كىچىكىنىڭ ئەمدىلا 17 ياشقا كىرگەنلىكىنى، ساقچىلارنىڭ بۇ بىرنەچچە كۈن ئىچىدە يەنە شىنجىننىڭ لوڭگاڭ، لوڭخۇۋا رايونىدىنمۇ يەنە ئىكككى كىشىنى «يالغان تېررورلۇق ئۇچۇرى» تارقاتقىى ئۈچۈن تۇتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ھالبۇكى ئۆتكەن ھەپتىدىن باشلاپ خىتايدا «تېررورلۇققا قارشى قانۇن» لايىھىسى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قويۇلغان بولۇپ، 27-دېكابىر كۈنى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى بۇ قانۇننىڭ قارادىن ئۆتكەنلىكىنى ئېلان قىلىنغان.

ھازىرچە يالغان ئۇچۇر تارقاتقان بۇ كىشىلەرنىڭ قانداق جازاغا ئۇچرايدىغانلىقى نامەلۇم ئىكەن.

تولۇق بەت