خىتاينىڭ يانفون ئەپ بازارلىرىغا قارىتىلغان چەكلىمىلەرنى كۈچەيتكەنلىكى مەلۇم

مۇخبىرىمىز جۈمە
2016-06-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ئىنتېرنېت دائىرىلىرىنىڭ يېڭى قائىدىلەرنى چىقىرىپ، خىتاي ئىچىدىكى يانفون ئەپ بازارلىرىغا قارىتىلغان چەكلىمىلەرنى كۈچەيتكەنلىكى مەلۇم.

«جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ تور باشقۇرۇش ئورگانلىرى، يانفون ئەپ بازىرىدا يۇمتال ساتىدىغان شىركەت ياكى شەخسلەردىن خېرىدارلارنى ئۆز ئىسمى بىلەن تىزىملىتىش تۈزۈمنى قوللىنىش ۋە خېرىدارلارنىڭ ھەرىكەت خاتىرىسىنى 60 كۈنگىچە ساقلاشنى تەلەپ قىلغان.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، خىتاي ئىنتېرنېتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى چىقارغان مەزكۇر بەلگىلىمە، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى ئەپ بازىرى ئابۇنتلىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى زىيادە تىزگىنلەش ھوقۇقىغا ئىگە قىلىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ بەلگىلىمە بۇ يىل 1-ئاۋغۇستتىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن.

مەزكۇر بەلگىلىمىدە خىتايدىكى يانفون ئەپلىرىنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ يانفون ئىجتىمائىي ئالاقىسىدە لەقەم ياكى تەخەللۇسلارنى قوللىنىشىغا يول قويۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئەپ سېتىۋالغاندا، ياكى يۈكلىگەندە چوقۇم ئۆزىنىڭ كىملىكتىكى ئىسىمنى ئىشلىتىشى شەرت قىلىنغان.

خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، گۇاڭجۇدىكى بىر يانفون ئەپ تەمىنلىگۈچىسى مەزكۇر بەلگىلىمىنىڭ «ئابۇنتلارنى سىياسىي، ئىجتىمائىي تېمىلاردىكى سەزگۈر پىكىرلەرنى يېزىشتىن چەكلەشنى مەقسەت قىلىدىغان» لىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە: «بۇ قائىدىلەر پىكىر ئەركىنلىكىنى تېخىمۇ بوغىدۇ» دېگەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلى فېۋرالدىن باشلاپ ئىنتېرنېت قوللانغۇچىلىرىنى ھەقىقىي ئىسمى بىلەن تىزىملىتىشقا مەجبۇرلىغان بولسا، بۇ يىل مايدىن ئېتىبارەن تېلېفونلارنىمۇ كىملىك بويىچە تىزىملاشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت