ئۇيغۇر رايونىنىڭ سابىق ئەمەلدارى ياڭ گاڭ ئېغىر ئىنتىزامسىزلىق جىنايىتى بىلەن تەكشۈرۈلمەكتە

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2013-12-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتايدا چىقىدىغان «سۇمۇرغ» خەۋەر تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق مۇئاۋىن سېكرېتارى ۋە سابىق بىرىنچى مۇئاۋىن رەئىسى ياڭ گاڭ «ئېغىر ئىنتىزامسىزلىق ۋە قانۇنسىزلىق» جىنايىتى بىلەن تەكشۈرۈلمەكتە ئىكەن.

2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن ۋاڭ لېچۋەن بىلەن بىللە مەركەزگە يۆتكىلىپ، خىتاي دۆلەت سۈپەت تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئىقتىسادىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىق ۋەزىپىلىرىنى ئارتقۇزىۋاتقان ياڭ گاڭنىڭ تەكشۈرۈلۈشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ياڭ گاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيىسىدىن ئۆسۈپ چىققان ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇزاق مەزگىل مۇھىم ھوقۇقلارنى تۇتقان يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارى ئىكەن. ئۇنىڭ ۋاڭ لېچۋەن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى پەۋقۇلئاددە يېقىن بولۇپ، ھوقۇقىنىڭ پەلەمپەيسىمان ئۆسۈش مەزگىلىمۇ ۋاڭ لېچۋەننىڭ ئۇيغۇر رايونىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ۋاقىتلىرىغا توغرا كېلىدىكەن.

ئەسلىدە ئۇيغۇر ئېلىگە جايلاشقان ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيىسىدىن ئۆسكەن ياڭ گاڭ 1990-يىللاردىن باشلاپ تۇرپان ۋىلايىتى، ئۈرۈمچى شەھىرى، ئۈرۈمچى-سانجى پارتكومى قاتارلىق ئورۇنلارغا باش سېكرېتار، كېيىنچە ۋاڭ لېچۋەننىڭ يۆلىشى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، مۇئاۋىن سېكرېتارى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت