ياپونىيىدە يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىغا قارشى نامايىش بولدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2014-03-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


3 يىلنىڭ ئالدىدا ياپونىيىدىكى ئېغىر يەر تەۋرەش ئاپىتى نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان فۇكۇشىما يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ زىيانغا ئۇچراپ، ئۇنىڭدىن كېلىپ چىققان رادىئاتسىيە ئاپىتى ياپونىيە خەلقىغە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى.

يەكشەنبە كۈنى ئەنە شۇ ئاپەت يۈز بەرگەنلىكىنىڭ 3 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن توكيو شەھىرىدە بىر قانچە مىڭ كىشى نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەتتىن يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنىڭ پائالىيىتىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا قارشى نامايىش پائالىيەتلىرى ياپونىيىنىڭ يەنە بىر قانچە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈش پىلانلانغان.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، بىر قانچە مىڭ نامايىشچى توكيو كوچىلىرىنى ئايلىنىپ، نارازىلىق بىلدۈرگەندىن كېيىن ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ ئالدىدا يىغىلىش ئۆتكۈزگەن.

نامايىشچىلار شىنزو ئابى ھۆكۈمىتىدىن يادرو ئېنېرگىيە پىلانلىرىدىن ۋاز كېچىشى ۋە فۇكۇشىما ئاپىتىنىڭ يەنە قايتىلانماسلىقىنى تەلەپ قىلىشقان.

2011 - يىلى، يۈز بەرگەن تەبىئىي ئاپەتتە 15 مىڭ 884 ئادەم ئۆلۈپ، 2636 ئادەم ئىز - دېرەكسىز يوقىلىپ كەتكەن ئىدى.

ياپونىيە مۇتەخەسسىسلىرى فۇكۇشىما يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى تازىلاش ئۈچۈن 40 يىل ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن دەپ قارايدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت