ياپونىيەنىڭ قورال ئېكسپورت قىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولۇشى خىتاينى بىئارام قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2014-02-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېنىڭ سىرتقا قورال ئېكسپورت قىلىشىنى چەكلەيدىغان قانۇننى ئەمەلدىن قالدۇرۇش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى خىتاينى بىئارام قىلدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ بۈگۈن «ياپونىيە بۇنداق بىر قارارنى ئېلىشتىن ئاۋۋال قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ئەندىشىسىنى نەزەرگە ئېلىشى كېرەك» دېگەن.

بۈگۈن يەنە، شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئۆز خەۋىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر يىلى نەنجىڭ قىرغىنچىلىقىنى ۋە خىتاينىڭ ياپونىيەنى مەغلۇپ قىلغان كۈنىنى مەخسۇس خاتىرە كۈنى قىلىپ بېكىتىش قارارىنى ماقۇللىشى مۇمكىنلىكىنى خەۋەر قىلدى. ئەگەر لايىھە ماقۇللانغان تەقدىردە ھەر يىلى 3-سېنتەبىر غالىبىيەت كۈنى، 13-دېكابىر بولسا نەنجىڭ قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش كۈنى بولىدىكەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەگەر بۇنى ماقۇللىغان تەقدىردە، بۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى زىددىيەتنى تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرىدىكەن. فىرانسىيە ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياپونىيە ئارمىيىسى نەنجىڭغا بېسىپ كىرگەندە 300 مىڭدىن ئوشۇق پۇقرانى ئۆلتۈرۈپ قىرغىنچىلىق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما بەزى چەتئەل تارىخچىلىرىنىڭ بۇنىڭغا قوشۇلمايدىغانلىقىنى ۋە بۇ ھەقتە نوپۇزلۇق تارىخچىلار تەرىپىدىن ئوچۇق-ئاشكارا بىر مۇنازىرىنىڭ بولۇپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت