ياپونىيە، شى جىنپىڭنىڭ پاراتتىكى نۇتقىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2015-09-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


ياپونىيە ھۆكۈمەت باياناتچىسى يوشى خىدې سۇگا پەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، بېيجىڭدىكى ھەربىي پاراتتا، ياپونىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىجابىي تەرەققىياتلىرىنىڭ گەۋدىلەندۈرۈلمىگەنلىكىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن : «بىز پارات ئالدىدا خىتاي تەرەپنى ئەسكەرتىپ، پاراتتا ياپونىيىگە قارشى كەيپىيات يارىتىلىپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى، بۇنىڭ ئورنىغا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كېيىنكى يىللاردىكى تەرەققىياتىنىڭ يورۇتۇلۇشىنى تەلەپ قىلغان ئىدۇق. ئەپسۇسكى، شى جىنپىڭنىڭ نۇتقىدا بۇنداق بىر مەزمۇن يوق ئىدى. بىز بۇنىڭدىن ئەپسۇسلاندۇق.»

ھۆكۈمەت باياناتچىسى يوشى خىدې سۇگا سۆزىدە يەنە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش سېكرىتارى بان كىمۇننىڭ بېيجىڭدىكى پاراتقا قاتنىشىشىنىمۇ بىتەرەپ مەيداندا تۇرمىغانلىق، دەپ تەنقىد قىلغان. ئۇ سۆزىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي كۈچىنىڭ زورىيىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، خىتاي ھەربىي قۇدرىتىگە ئائىت مەلۇماتلاردا ھەم شۇنداقلا بۇ نۆۋەت قىسقارتىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان ھەربىي خادىملار مەسىلىسىدە ئوچۇق - ئاشكارا بولۇشى كېرەك، دەپ ئەسكەرتكەن.

چەتئەللەردىكى بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەرمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياپونىيىنىڭ 70 يىلدىن بۇيان ئاسىيانىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا ۋە دۇنيا تىنچلىقىغا قوشقان تۆھپىسىنى كۆرمەسكە سېلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ياپونىيىگە قارشى ئۆچمەنلىك تۇيغۇسىنى كۈچلەندۈرىدىغان تەشۋىقاتلارنى قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت