ياپونىيە دۇنيا جامائەتچىلىنى ئاسىيادىكى كېڭەيمىچىلىكىنى چەكلەشكە چاقىرىدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2014-01-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

چارشەنبە كۈنى ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې دۇنيا جامائەت چىلىگە مۇراجىئەتنامە قىلىپ، ئاسىيادىكى كېڭەيمىچىلىكىنى چەكلەش كېرەكلىكى، ئۇنداق بولمايدىكەن ئۇنىڭ رايون تىنچلىقى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىغا ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك زىيان سالىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

ئۇ، بۇ سۆزلەرنى شۋېتسارىيەنىڭ داۋۇس شەھىرىدە چاقىرىلىۋاتقان دۇنيا ئىقتىسادىي مۇنبىرى يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىز ئاسىيادىكى ھەربىي كېڭەيمىچىلىكلەرنى چەكلىشىمىز كېرەك. ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن ئۇ كونترولسىز ئىلگىرىلەيدۇ.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ئەگەر ئاسىيادىكى تىنچلىق ۋە مۇقىملىق دەخلىگە ئۇچرايدىكەن، ئۇنىڭ پۈتۈن دۇنياغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى مۆلچەرلىگۈسىز بولىدۇ.

گەرچە ئۇ سۆزىدە خىتاينى بىۋاسىتە تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ مەزكۇر بايانلىرىنىڭ مەزكۇر رايوندا تېررىتورىيە مەسىلىدە بىر تەرەپلىمىلىك قارارلارنى چىقىرىۋاتقان خىتايغا قارىتىلغانلىقى ئېنىق ئىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى بىر تەرەپتىن ھەربىي ھازىرلىقلىرىنى كېڭەيتسە، يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي ۋە غەربىي دېڭىزنىڭ كۆپ قىسىنى ئۆزىنىڭ دەپ ئېلان قىلىپ ياپونىيە، كورېيە ۋە فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى.

شىنزو ئابېنىڭ يۇقىرىقى نۇتقىغا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت