ياپونىيە-خىتاي خەۋپسىزلىك سۆھبىتى ئۆتكۈزمەكچى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2015-03-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ياپونىيە-خىتاي ئىككى تەرەپ تۆت يىل ئارىدىن كېيىن تۇنجى خەۋپسىزلىك سۆھبىتىنى ئۆتكۈزمەكچى. ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، ئىككى تەرەپ سۆھبىتى 19-مارت كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىكەن. ئۇنىڭغا ئىككى تەرەپنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارلىرى قاتنىشىدىكەن.

ياپونىيە-خىتاي ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى سېنكاكۇ ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق كۈرىشى سەۋەبىدىن يىرىكلىشىپ قالغانلىقتىن، ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى بۇنداق سۆھبەتلەرمۇ توختاپ قالغان. ياپونىيە-خىتاي خەۋپسىزلىك سۆھبىتى ئاخىرقى قېتىم 2011-يىلى بېيجىڭدا ئېچىلغان.

مەزكۇر سۆھبەتنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدىكى يەنە بىر قەدەم، دەپ قارالماقتا.

ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئىككىسى ئۆتكەن يىلى نويابىردا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنىڭ يىغىنىدا تۇنجى قېتىم بىر ئارىغا كەلگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت