شىنزو ئابې بىلەن شى جىنپىڭ ئوچۇق چىراي كۆرۈشتى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2015-04-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې ۋە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چارشەنبە كۈنى ھىندونېزىيەنىڭ جاكارتا شەھىرىدە ئۇچرىشىپ سۆھبەتلەشتى.

رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇلار ئاسىيا-ئافرىقا دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى جەريانىدا ئۇچراشقان.

شىنزو ئابې ئۇچرىشىشتىن كېيىن مۇخبىرلارغا بۇ ھەقتە توختىلىپ، «بۇ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك رەھبەرلەر سۆھبىتى بولدى، ياپونىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ئوڭشىلىشقا قاراپ يۈزلەندى» دېگەن.

ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې يەنە بۇنىڭدىن كېيىن ئىككى دۆلەتنىڭ ياش ئۆسمۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر ساھەلەردىكى دىئالوگ ۋە ئالاقىلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شىنزو ئابې يەنە «ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ مەنپەئەتلىرىگە پايدىلىق» دەپ ئەسكەرتكەن.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىككى رەھبەر سۆھبىتى جەريانىدا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باشتىن-ئاخىرى كۈلۈمسىرەپ تۇرغان، ئەمما ئۆتكەن يىلى ئۇلار بېيجىڭدا ئۇچراشقاندا ئۇ سوغۇق چىراي كۆرۈنگەن ئىدى.

شى جىنپىڭ «جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋەتلىرى مەلۇم دەرىجىدە ياخشىلاندى، ياپونىيە تەرەپ بىلەن بولغان سۆھبەتنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-ياپونىيە ئارىسىدىكى ئۆز-ئارا ھەمكارلىق ۋە شېرىكلىك مۇناسىۋەتلىرىنى ھەم بىر-بىرىگە تەھدىت سالماسلىق ئورتاق تونۇشىنى كېڭەيتىشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت