خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم سېلىۋاتقانلىقى ياپونىيە ئاخباراتىدا قاتتىق ئەيىبلەندى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-10-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەسىلىلەر دۇنيادىكى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاساسلىق تېمىلىرىدىن بىرى بولۇۋاتقاندا ياپونىيە ئاخباراتلىرىمۇ بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزە ۋە باھالارغا كەڭ ئورۇن بېرىشكە باشلىدى.

18-ئۆكتەبىر كۈنى «ياپونىيە ۋاقتى گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى تەھرىرات ماقالىسىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلار جامائىتىنى بۇ خىل خالىغانچە باستۇرۇش قىلمىشىغا چەك قويۇش لازىملىقى ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايغا قارىغاندا ئوتتۇرا ئاسىيا تەۋەسىدىكى قوشنا دۆلەتلەرگە مەيلى مەدەنىيەت ياكى مىللىي تەركىب جەھەتتىن بەكرەك يېقىن بولغان ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ مۇشۇ خىلدىكى پەرقلىق ئالاھىدىلىكى ھەمدە ئۇنىڭ خىتاي پايتەختىدىن بەكمۇ يىراق ماكاندا بولغانلىقى سەۋەبلىك بۇ جايدىكى «مىللىي بۆلگۈنچىلىك» خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئىزچىل باش ئاغرىقى بولۇپ كەلگەن. يەنە كېلىپ بۇ خىل «بۆلۈنۈپ چىقىش» خاھىشى بۇنىڭدىن 70 نەچچە يىل ئىلگىرى ياپونىيە ئارمىيەسى خىتاينى ئىشغال قىلىۋالغاندا بىر قېتىم ھەقىقىي يوسۇندا ئەمەلگە ئاشقان. شۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل رىياللىقنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنى زىنھار خالىمايدۇ.

ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، 2009-يىلىدىكى «ئۈرۈمچى ۋەقەسى» خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ھەمدە «ئىشەنچلىك» خىتايلارنى بۇ رايونغا كۆچۈرۈپ يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي ساھەدىن چەتلەشتۈرۈلۈشىنىڭ نەتىجىسى ئىكەن. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر «بۆلگۈنچىلىك» ۋە «دىنىي ئەسەبىيلىك» نى قەتئىي باستۇرۇش قارارىغا كېلىپ، شىمالىي كورېيەدىنمۇ ئېشىپ چۈشكەن مۇكەممەل نازارەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ چىققان. بۇنىڭ بىلەن مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر بىردەمدىلا بۇ زور ساندا ۋە كۆلەمدە كېڭىيىۋاتقان لاگېرلارنى تولدۇرغان. ھازىرقى مەلۇم بولغان ئۇچۇرلاردا بولسا ئەقەللىيسى چەتئەلدە تۇغقىنى بار كىشىلەر ياكى بىرەر قېتىم ناماز ئوقۇپ سالغان كىشىلەرنىڭ ئاساسەن مۇشۇنداق «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە توپلانغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە ئىكەن.

ماقالىنىڭ ئاخىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت مۇنبىرى ۋە باشقا خەلقئارالىق سورۇنلاردا بۇنداق جايلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلغانلىقى، ئەمدىلىكتە بولسا بۇنى ئېتىراپ قىلغانلىقى ئالاھىدە ئەسلەپ ئۆتۈلىدۇ. شۇنىڭدەك رەئىس شۆھرەت زاكىرنىڭ ئېغىزىدىن چىققان «بۇ جايلار شۇنچىلىك راھەتلىك ۋە ھۇزۇرلۇق جايكى، بۇ جايغا كىرىپ قالغان كىشىلەرنىڭ بۇ يەردىن چىقىپ كەتكۈسى كەلمەيدۇ» دېگەن بايانلار بىلەن بۇ جايلاردا يېتىپ باققان شاھىتلارنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئاسمان بىلەن زېمىندەك پەرق قىلىدىغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە «ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» نامىدا ئىسلام ئېتىقادىنى پۈتۈنلەي يۇيۇپ تاشلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ھەممىگە ئايان ئىكەنلىكى ئالاھىدە قەيت قىلىنىدۇ.

ماقالىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بۇ خىل كۆپ قىرلىق زۇلۇمغا باش مىنىستىر شېنزو ئابېنىڭ قەتئىي قارشى تۇرۇشى ئالاھىدە تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇنداقلا نويابىر ئېيىدىكى ب د ت يىغىنىدا ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى بۇ مەسىلە ھەققىدە سۈكۈت قىلماسلىققا چاقىرىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت