ياپونىيە دۆلەت ئاساسلىرى تەتقىقات ئىنستىتۇتى: «ياپونىيە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە سۈكۈت قىلماسلىقى كېرەك»

مۇخبىرىمىز سادا
2018-10-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ياپونىيە دۆلەت ئاساسلىرى تەتقىقات ئىنستىتۇتى ياپونىيە دۆلەتلىك گېزىتلىرىدىن «يومىيۇرى شىمبۇن» ۋە «سانكېي شىمبۇن» ناملىق ئىككى گېزىتكە «ياپونىيە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە سۈكۈت قىلماسلىقى كېرەك» دېگەن تېمىدا ئېلان بېرىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ھەددىدىن ئاشقان قىلمىشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.

مەزكۇر ئېلان يۇقىرىقى ئىككى گېزىتنىڭ بۈگۈن، يەنى 23-ئۆكتەبىردىكى سانىغا بېسىلغان. ئېلاننىڭ باشلانمىسىدا ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايك پەنسنىڭ 4-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكىنىڭ «خۇدسون ئىنستىتۇتى» دا مەخسۇس خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە سۆزلىگەن نۇتقىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇنى «بۇ مايك پەنس ئەپەندىنىڭ ھازىرغىچە قەدەر سۆزلىگەن ئەڭ كەسكىن ۋە كۈچلۈك نۇتۇقلىرىنىڭ بىرى» دەپ ئىزاھلىغان.

ئېلاندا يەنە ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ماركو رۇبىيونىڭ خەلقئارالىق ئولىمپىك كومىتېتىنى 2022-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە خىتاينىڭ پايتەختىنى ساھىبخانىلىق ئۈچۈن تاللىماسلىققا ئۈندىگەنلىكى مەلۇم بولغان.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ماركو رۇبىيونىڭ مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى خالىغانچە دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا «ماگنىتسىكىي قانۇنى» بويىچە جازا قوللىنىش لازىملىقى ھەققىدە ترامپ ھۆكۈمىتىگە سۇنغان تەشەببۇسىمۇ نۇقتىلىق گەۋدىلەندۈرۈلگەن.

مەزكۇر ئېلاندىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ياپونىيەنىڭ بەزى ئىتتىپاقداشلىرى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى قاتتىق ئەيىبلەۋاتقان ئىكەن.

ئېلاننىڭ ئاخىرىدا ياپونىيە دۆلەت ئاساسلىرى تەتقىقات ئىنستىتۇتى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ئېغىر ۋەزىيەتكە سۈكۈت قىلىشتا ھېچقانداق بىر سەۋەبنىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتىپ، دەرھال خىتاينى ئەيىبلەپ ئاۋاز چىقىرىشقا چاقىرغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت