خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا ياتاقلىق مەكتەپلەرنى كۆپەيتىشى دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-04-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى يېزىلاردا باشلانغۇچ مەكتەپ يېشىغا توشقان بالىلارنى ياتاقلىق مەكتەپلەردە تەربىيەلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىدىكەن.

شىنخۇا تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى قەشقەر، خوتەن، ئاتۇش ۋە ئاقسۇنى ئاساس قىلغان جايلاردا مەكتەپ يېشىغا توشقان بالىلارنى ياتاقلىق مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش خىزمىتى جىددىي داۋام قىلماقتىكەن.

خەۋەردە بۇنداق ياتاقلىق مەكتەپلەر ئارقىلىق نامرات يېزىلاردا مەكتەپ يېتىشمەسلىك ۋە بالىلارنىڭ مەكتەپلەرگە بېرىشتىكى قاتناش قولايسىزلىقلىرىنىڭ ھەل قىلىنغانلىقى داۋراڭ قىلىنغان. بىراق چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ ئاتا-ئانىلىرى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن يىغىۋېلىنغان بالىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى مۆلچەرلىمەكتە.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا 2 مىليونغىچە بولغان ئۇيغۇرنى لاگېرغا تۇتقۇن قىلغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ قارانچۇقسىز قالغان بالىلىرىنىمۇ ئاتالمىش «پەرىشتىلەر مەكتىپى» دېگەندەك چىرايلىق ئىسىملار بىلەن يېتىمخانىلارغا يىغىۋالغان ئىدى. يۇقىرىقى خەۋەردە جەنۇبتىكى 3 ۋىلايەت بىر ئوبلاستتىكى ياتاقلىق مەكتەپلەردە يېتىپ ئوقۇۋاتقان بالىلارنىڭ سانى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن، ئەمما ئالدىمىزدىكى يىللاردا جەنۇبتىكى 22 نامرات يېزىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، بۇ خىزمەتنىڭ داۋاملىق كۈچەيتىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. خەۋەردە دىققەت قوزغايدىغان يەنە بىر نۇقتا شۇكى، ئۆتكەن 3 يىل مابەينىدە مۇشۇ خىل مەكتەپلەرگە ئوقۇتقۇچى تولۇقلاش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىگە 80 مىڭ نەپەر ئوقۇتقۇچى خادىمى قوبۇل قىلىنغان. ئۇلارنىڭ 66 پىرسەنتى جەنۇبتىكى مەكتەپلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىكەن.

قارانچۇقسىز قالغان ۋە مۇشۇنداق يىغىۋېلىش ئورۇنلىرىدا خىتاي ئوقۇتقۇچىلار تەرىپىدىن پۈتۈنلەي خىتاي مەدەنىيىتى ئاساسىدا تەربىيەلىنىۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئەھۋالى كۈچلۈك ئەندىشە پەيدا قىلماقتا. ئاۋسترالىيە لاتروبى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جەيمىس لېيبولد خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرغان دارىلئېتاملار توغرىسىدىكى بىر ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىنى مۇشۇنداق ئىسمى ئۆزگەرگەن دارىلئېتاملارغا يىغىۋېلىش ئارقىلىق ياش بىر ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنى ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت ۋە كىملىك يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلىماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت