ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينى ئۇيغۇر رايونىنىڭ «ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىش» كە چاقىرغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-05-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق دىپلوماتى مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، خىتاينى ئۇيغۇر رايونىنىڭ «ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىش» كە چاقىرغان.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ سۆزلەرنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى نىكولاس چاپىئۇس 9‏-ماي كۈنى بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا قىلغان. ياۋروپا ئىتتىپاقى 2 مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمانلار لاگېرلارغا قامىلىپ، لاگېر سىرتىدىكىلەر ئومۇميۈزلۈك تەقىبگە ئېلىنغان ئۇيغۇر رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنىڭ ئامالىنى قىلىپ كەلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 3‏-ئايدا ياۋروپا ئىتتىپاقى دىپلوماتلىرىنى زىيارەتكە تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئىككى تەرەپ ھازىرغىچە شەرتلىرىدە كېلىشەلمىگەن ئىدى.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، نىكولاس چاپىئۇس «بىز خىتاي تەرەپكە بىزنىڭ پىكىرىمىز ۋە كۈتىدىغان ئۈمىدلىرىمىزنى ئېنىق يەتكۈزدۇق. بىز خىتاينى شىنجاڭ ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىرىمىز» دېگەن. ئۇ يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى خىتاي بىلەن دىئالوگ ئېلىپ بېرىپ، «ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش» نىڭ پەرقلىق يوللىرى بارلىقىنى كۆرسىتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ «شىنجاڭ مەسىلىسىدىكى ئەندىشىلىرى دىنىي ئەركىنلىك، ئىپادە ئەركىنلىكى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقى ۋە كەمسىتىش مەسىلىلىرى» نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

نىكولاس چاپىئۇس يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلىش مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن تېخى كېلىشەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «بىزنىڭ پروگراممىمىز بولۇشى ۋە بۇ پروگرامما مەنىدار بولۇشى كېرەك» دېگەن. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئەگەر ئۇلارنىڭ پروگراممىسى خىتاي تەرىپىدىن ماقال كۆرۈلسە، ئۇنىڭ قايسىي كۈنى ئېلىپ بېرىلىشىنى خىتاي تەرەپ بېكىتسىمۇ بولىدىكەن. ئۇ يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ، جۈملىدىن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مېشىل باشېلېيتنىڭ مەزكۇر رايوندا زىيارەتتە بولۇشىغا يول قويۇلۇشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت خادىملىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتتە بولۇشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا شەرت قويۇپ كەلدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇلار خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمىغاندىلا ئاندىن ئۇلارنىڭ زىيارەت قىلىشىغا يول قويىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت