ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينى ئۇيغۇر رايونىدا خەلقئارالىق مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا يول قويۇشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-09-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋەكىلى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 42 ‏-نۆۋەتلىك يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ مەزكۇر رايوندا مۇستەقىل خەلقئارا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشىغا يول قويۇشىنى تەلەپ قىلغان.

فىنلاندىيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى سارى لىختېرانتا 17‏-سېنتەبىر ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭغا نامزات شىمالىي ماكېدونىيە، مونتېنېگرو، ئالبانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ۋاكالىتەن قىلغان سۆزىدە «ياۋروپا ئىتتىپاقى شىنجاڭدىكى سىياسىي قايتا-تەربىيەلەش لاگېرلىرىدىن، كەڭ كۆلەملىك تەقىبلەشتىن، ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان دىنىي ئېتىقادنى چەكلەش ھەرىكەتلىرىدىن ئەندىشە قىلماقتا. بىز خىتاينى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ رايوندا ھەقىقىي رەۋىشتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشقا چاقىرىمىز» دېگەن. 

ئۇ يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاينى قانۇن بىلەن باشقۇرۇشقا، ئادىل سوتلاشقا كاپالەتلىك قىلىشقا، كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىش، خورلىنىش ۋە تەن جازاسىغا ئۇچراش دېلولىرىنى ئەتراپلىق تەكشۈرۈشكە چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تاشپولات تېيىپ، ئىلھام توختى، گاۋ جىشېڭ، خۇا خى، تاشى ۋاڭچۇق قاتارلىق كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئادۋوكات ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ھەم سوتلىنىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشقا چاقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

سارى لېختىرانتانىڭ قەيت قىلىشىچە، «ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينى دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادا ئۈستىگە ئالغان مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشقا، بولۇپمۇ شىنجاڭ ۋە تىبەتتىكى ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىدىكەن.» 

بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى، دوكتور تاشپولات تېيىپنىڭ مەسىلىسىنى تۇنجى قېتىم ب د ت دا ئوتتۇرىغا قويۇشىدۇر. يېقىندا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى جىددىي بايانات ئېلان قىلىپ، دوكتور تاشپولات تېيىپنىڭ ناھەق ئۆلۈم جازاسىنىڭ سېنتەبىر ئېيى ئىچىدە ئىجرا قىلىنىشى مۇمكىنلىكى، بۇنى دەرھال توختىتىۋېلىشقا چاقىرغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت