ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتلىرى خىتاينىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى تەشۋىقاتلىرىغا يانتاياق بولۇپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلماقتا

2019-11-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دىپلوماتلارنى ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى. بىراق رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى بىر قىسىم دىپلوماتلاردىن ئىگىلىشىچە، خىتاينىڭ بۇ تەلىپىنىڭ ئىشقا ئاشماسلىق ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن. چۈنكى بۇ دىپلوماتلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زىيارەتنى ئۆزىنىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى تەشۋىقاتى ئۈچۈن قوللىنىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئەسلىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى دىپلوماتلىرىنى بۇ يىل 3-ئايدا ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەتتە بولۇشقا دەۋەت قىلغان. بىراق خىتاي بۇ دىپلوماتلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە بارغان تەقدىردە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگو قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشۈش ۋە شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى مۇنازىرە قىلىشتەك تەلىپىنى رەت قىلغانلىقتىن دىپلوماتلار بۇ زىيارەتكە بارمايدىغان بولغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يېقىندا بۇنداق تەكلىپ قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا يەنە مۇزاكىرىلەر باشلىغان. بىراق ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان 6 نەپەر ياۋروپا ئىتتىپاقى دىپلوماتى رويتېرس ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە ئۆزلىرىنىڭ بۇ زىيارەتنى ئەمەلىيلىشىدۇ دەپ قارىمايدىغانلىقىنى، چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرىگە چەكلىمىسىز ھالدا زىيارەت قىلىش پۇرسىتى بەرمىگەننى ئاز دەپ، بۇ زىيارەتنى «ئۇيغۇر ئېلىدە ھەممە ئىش نورمال» دەيدىغان تەشۋىقاتىنى قىلىش ئۈچۈن قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دىپلوماتلاردىن بىرى «بىزنىڭ بۇ زىيارەتتە ئېرىشىدىغىنىمىزنىڭ تايىنى يوق. خىتاي ئۇنى پەقەتلا تەشۋىقات مەقسىتى ئۈچۈن قوللىنىدۇ» دېگەن. يەنە بىر دىپلوماتمۇ رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىزنىڭ ئۇ يەردىكى زىيارىتىمىزنى ‹غەربلىك دىپلوماتلار بىزنىڭ شىنجاڭدىكى سىياسەتلىرىمىزنى قوللايدۇ› دەپ تەشۋىق قىلىش ئېھتىماللىقى بىزنى ئويلاندۇرماقتا،» دېگەن.

دەرۋەقە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە 2 مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنى «يېپىق تەربىيە» لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇلارنى روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن قېيىن-قىستاققا ئېلىۋاتقانلىقى كەڭ ئاشكارىلانغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى پاكىستان، ئافغانىستان، ھىندونېزىيە، مالايسىيا قاتارلىق بىر قاتار دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتلىرى ۋە مۇخبىرلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدا ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان زىيارەتلەرگە ئاپىرىپ، ئۇلارنىڭ ئاغزى ئارقىلىق ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن پائال ھەرىكەت قىلغان. بىراق لاگېرلارغا ئائىت كۈچلۈك پاكىتلار ئالدىدا ئۇلارنىڭ بۇ تەشۋىقاتلىرى ئۇزۇن پۇت تىرەپ تۇرالمىغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت