ياۋروپا پارلامېنتى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان سۆھبەتتە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى رەسمىي تەكىتلىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-12-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ 17-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئىسپانىيەنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوسېپ بوررېل 15-دېكابىر كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن بولغان سۆھبەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور تۇتقۇن ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ۋە خوڭكوڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئالاقىدار مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ۋاڭ يى بۇنىڭدىن تولىمۇ راھەتسىز بولغان ھەمدە «بۇ بىزنىڭ ئىچكى ئىشىمىز، چەتئەللەرنىڭ بۇنىڭغا ئارىلىشىش ھەققى يوق» دېگەن كونا مۇقامنى تەكرارلىغان.

جوسېپ بوررېل بۇ ھەقتە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، «ھەممىلا دۆلەتنىڭ ئۆزىگە يارىشا ئىچكى ئىشلىرى بولىدۇ. ئەمما كىشىلىك ھوقۇقنى ئاياق-ئاستى قىلىش دۇنياۋى مەسىلە، ئۇ ھەرگىزمۇ ئىچكى ئىشلار ئەمەس،» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت