ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتتە بولغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-01-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 3 كىشىلىك بىر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا زىيارەتتە بولۇپ، رايوندا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ خورلاشقا ئۇچراۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر بىلەن «ئومۇمەن بىردەكلىككە ئىگە بەزى زۆرۈر» ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەن. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 28‏-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، 3 كىشىلىك مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ زىيارىتى 11‏-يانۋاردىن 13 ‏-يانۋارغىچە ئېلىپ بېرىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىغا ئاساسەن ئۆتكەن ئايدا رۇسىيە، پاكىستان قاتارلىق 11 دۆلەتنىڭ دىپلوماتلىرىنى زىيارەت قىلدۇرغان جايلارنى كۆرسەتكەن. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئورۇنلارنى «كەسپىي تەربىيىلەش مەركەزلىرى» دەپ چۈشەندۈرگەندىن بېرى تۇنجى قېتىم ياۋروپا ئىتتىپاقىدەك كۆپ دۆلەتلىك بىر خەلقئارا گەۋدىنىڭ بۇ رايوننى زىيارەت قىلىشىغا يول قويۇشى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. خەۋەردە، بىر ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمەلدارىنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، 3 كىشىلىك گۇرۇپپىنىڭ «مەركەز ۋە رايوندىكى دائىرىلەر بىلەن ھاسىل قىلغان كېلىشىمگە ئاساسەن» ئۈرۈمچى ۋە قەشقەردە زىيارەتتە بولغانلىقى، زىيارەتتە گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ مەسچىت، ئىسلام ئىنستىتۇتى ۋە ئاتالمىش بىر «تەربىيىلەش مەركىزى» نى زىيارەت قىلىپ، «كەڭ دائىرىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى» غا يول قويۇلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. يۇقىرىقى ئەمەلدارنىڭ فىرانسىيە ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار زىيارەت قىلغان بۇ ئورۇنلار خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئىنچىكىلىك بىلەن تاللانغان، ئۇلارنىڭ پىكرىنى نامايان قىلىدىغان ئورۇنلار بولسىمۇ، «لېكىن بۇ زىيارەت، باشقا ئۇچۇر مەنبەلىرىنىڭ جۈملىدىن ب د ت، خەلقئارا تاراتقۇلار، ئىلمىي تەتقىقاتچىلار ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى تولۇقلاشتا پايدىلىق پۇرسەت بىلەن تەمىنلىگەن. بۇ ئەمەلدار يەنە بۇ مەنبەلەرنىڭ كۆپ قىسمى «شىنجاڭدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئېغىر ۋە سىستېمىلىق دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىغا دائىر زۆرۈر ھەم ئومۇمەن بىردەكلىككە ئىگە دەلىللەر بىلەن تەمىنلەپ كەلگەنلىكى» نى بىلدۈرگەن.

زىيارەت گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ فىرانسىيە ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئۇچراشقان كىشىلەرنىڭ سۆزى ئۇلاردا خۇددى يادلىۋالغاندەك تەسىرات پەيدا قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ئايدا رۇسىيە، مىسىر، پاكىستان، بانگلادىش قاتارلىق 11 دۆلەتنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق دىپلوماتلىرىنى ئۈرۈمچى، قەشقەر ۋە خوتەن قاتارلىق 3 .ئورۇندىكى «كەسپىي تەربىيىلەش مەركىزى» نى زىيارەت قىلدۇرغان. لېكىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاينىڭ بۇ ئورۇنلارنى پەردازلاپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت