ياۋرۇپادىكى يەھۇدىي ياشلىرى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلىۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتتى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-02-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ياۋرۇپانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يەھۇدىي ياشلىرى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلىۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى ئاياقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى.

ياۋرۇپادىكى يەھۇدىي ياشلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان «ياۋرۇپا ئىتتىپاقى يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى»، «گېرمانىيە يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى» ۋە «ئەنگىلىيە يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىىسى» قاتارلىق تەشكىلاتلار 4-فېۋرال كۈنى ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلەش بىلەن بىرگە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بۇ مەسىلىگە يېتەرلىك ئىنكاس قايتۇرمىغانلىقىنى تەنقىد قىلغان. 

ئۇلار «ياۋرۇپا يەھۇدىيلار قۇرۇلتىيى» نىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدا 3 مىليۇن ئەتراپىدا ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ لاگېرغا قامالغانلىقىنى، تارىختا ئېرقىي قىرغىنچىلىق ۋە دۆلەتسىزلىكنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقان بىر مىللەتنىڭ ياشلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن يەھۇدىي ياشلىرىنىڭ ھەرگىز بۇ ئەسىردە يۈز بېرىۋاتقان بۇ قىرغىنچىلىققا قاراپ تۇرالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. 

ئۇلار باياناتىدا ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىكى سىياسەت بەلگۈچىلەرنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە، تارىختىكى ئەينى خاتالىقنى سادىر قىلىپ، يەھۇدىيلارغا يۈرگۈزۈلگەن ئېرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قايتا سادىر بولۇشىغا يول قويماسلىققا چاقىرغان. 

يۇقىرىقى بۇ يەھۇدىي ياشلىرى باياناتىدا يەنە ئۆزلىرىنىڭ بۇندىن كېيىن مەركىزى گېرمانىيەدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پائال ھەرىكەتكە ئۆتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت