ياۋروپادىكى بەزى دۆلەتلەر ئامېرىكا بىلەن بىر قاتاردا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان ئەندىشىسىنى ئىپادىلىدى

مۇخبىرىمىز سادا
2019-09-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

24-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى كانادا، گېرمانىيە، گوللاندىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە «شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى» تېمىسىدا بىر مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇردى.

مەزكۇر يىغىن ئامېرىكانىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىناسىدا ئېچىلغان. يىغىندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جون سوللىۋېن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش سېكرېتارىنىڭ خەلقئارالىق ھوقۇقلارنى قوغداش بويىچە ئالاھىدە مەسلىھەتچىسى كېررىن سىمىس قاتارلىقلار مۇھىم سۆز قىلغان. ئۇلار سۆزلىرىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا يەرلىك مۇسۇلمان مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان ۋە ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان بېسىمدىن قاتتىق چۆچۈگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. 

ئۇلار سۆزلىرى داۋامىدا يەنە خىتاينىڭ 2017-يىلى ئاپرېلدا باشلىغان زور كۆلەملىك تۇتقۇننىڭ قۇربانلىرىغا ئايلانغان بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر تۇتقۇن ھەمدە ھازىرغىچە مەلۇم بولغان مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، قىيىن-قىستاققا ئېلىش ۋە باشقا سىرلىق ئۆلۈم خەۋەرلىرىگە قارىتا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققەت قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. 

يىغىندا بۇ قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ قوشۇمچە ساھىبخانا دۆلەتلىرىدىن ئەنگلىيە ۋە گېرمانىيەنىڭ ۋەكىللىرىمۇ ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلغان. ئۇلار سۆزىدە ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ئەھۋالىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى، ئۇلارغا كېلىۋاتقان بۇ زۇلۇمغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن كۈچىنىڭ بارىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت