ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قارارى خىتاينىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-12-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي 20‏-دېكابىر كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ 19-دېكابىر ماقۇللىغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قارا لايىھەسىگە ئىنكاس بىلدۈرۈپ، ياۋروپا پارلامېنتىنى «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلىگەن. ياۋروپا پارلامېنتى 19‏-دېكابىر قارار ماقۇللاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۇيغۇر رايونىدا قانۇنى رەسمىيەتسىز ئېلىپ بېرىۋاتقان خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشلىرىغا خاتىمە بېرىشى» نى تەلەپ قىلىپ، ياۋروپا كومىسسىيەسىنى رايوندا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئىمبارگو يۈرگۈزۈشكە چاقىرغان.

قارار لايىھەسىدە يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مۇسۇلمان تۈركىي مىللەتلەر ئولتۇرۇشلۇق مەزكۇر رايوندا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكىتىنىڭ «دىن ۋە ئېتنىك مىللەتلەرگە قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى» غا ئايلانغانلىقى، رايوندىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە «سىستېمىلىق مېڭە يۇيۇش» ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەنىدى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گېڭ شۇئاڭ 20‏-دېكابىر ياۋروپا پارلامېنتىنى «تېررورلۇق مەسىلىسىگە ئىككى خىل ئۆلچەم قوللىنىشتىن ۋاز كېچىش» كە، شۇنداقلا خىتاينىڭ «ئىشكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىشقا چاقىرغان. گېڭ شۇڭانىڭ قارىشىچە، «شىنجاڭ ۋە خىتاي خەلقى شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆزلەشكە يىراقتىكى ياۋروپالىقلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ھەقلىق» ئىكەن. لېكىن ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ 18‏-دېكابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇنازىرىسىدە بەزى ئەزالار سۆزگە چىقىپ: «رايوندىكى بارلىق لاگېرلار تاقىلىشى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى جاۋابكارلىققا تارتىلىشى، شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇنىڭدا جاۋابكارلىقى ئەمەلدارلارغا نىشانلىق ئېمبارگو يۈرگۈزۈلۈشى» نى تەلەپ قىلغانىدى. بۇ قېتىمقى قارار لايىھەسى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ «ساخاروف مۇكاپاتى» تۈرمىدىكى ئاتاغلىق ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغا تارقىتىپ ئارقىدىنلا ئاۋازغا قويۇلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت