ئەنگلىيەدىكى بىر يەھۇدىيلار تەشكىلاتى خىتاينىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ليۇ شاۋمىڭغا مەكتۇپ يېزىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى ناتسىستلارنىڭ يەھۇدىيلارغا قىلغان ۋەھشىلىكىگە ئوخشايدىغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان ئېتنىك، دىنىي باستۇرۇشنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭدا، ليۇ شاۋمىڭنىڭ 19-ئىيۇل BBC نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا قىلغان سۆزى تەنقىدلەنگەن.
ئەنگلىيەدىكى يەھۇدىيلار كومىتېتىنىڭ تورىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى خەۋەردە تەكىتلىنىشىچە، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسى مارېي فون دېر زىل خانىم مەكتۇپىدا، «كىشىلەر BBC دىكى ئاندرېۋ مارنىڭ سىز قاتناشقان تۈنۈگۈنكى پروگراممىسىنىڭ بىر بۆلىكىنى كۆرەلمىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدە ھازىر يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار بىلەن 75 يىل ئاۋۋال ناتسىستلار گېرمانىيەسىدە يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ ئوخشاشلىقىنى پەرق قىلالمىدى. 75 يىل ئاۋۋال كىشىلەر پويېزغا مەجبۇرى يۈكلەنگەن، دىنىي زاتلارنىڭ ساقىلى چۈشۈرۈلگەن، ئاياللار تۇغماس قىلىنغان. مانا بۇ جازا لاگېرلىرىنىڭ قورقۇنچلۇق ۋەھىمىسىدۇر» دېگەن.
ليۇ شاۋمىڭ BBC دە لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى رەت قىلغان شۇنداقلا ئۆتكەن يىلى تارتىلغان كىشەنلەنگەن يۈزلىگەن ئۇيغۇر تۇتقۇننىڭ كورلا ۋوگزالىدا پويېزغا چىقىرىلىۋاتقانلىقىغا دائىر ۋىدىيونىڭ چىنلىقى «گۇمانلىق» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى. مارېي فون دېر زىل خانىم مەكتۇپىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر ۋە باشقىلارغا قارىتىلغان ئېتنىك، دىنىي باستۇرۇشنى توختىتىشقا، خەلقئارانىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشقا، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىرىنى جاۋابكارلىققا تارتىشقا چاقىرىپ، «خىتاينىڭ ئالدىدا ئىككى خىل تاللاش يولى بار، بىرى بۈيۈك زەپەر، يەنە بىرى مەڭگۈلۈك ئاھانەتتۇر» دېگەن.