«ياۋروپا يەھۇدى ئاخباراتى» 26-نويابىر ماقالە ئېلان قىلىپ، ياۋروپانى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى دەپسەندە قىلىشىغا قارشى تەدبىر ئېلىشقا چاقىرغان. «ياۋروپا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەك» ماۋزۇلۇق بۇ ماقالىنى «ياۋروپا يەھۇدى ئاخباراتى» ناملىق مەزكۇر خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ باش مۇھەررىرى يوسسى لەمپكوۋىچ قەلەمگە ئالغان.
ماقالىدە بېلگىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ياۋروپا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپلا قالماي، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئىمبارگو يۈرگۈزۈشى، شۇنداقلا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنى ئىشقا سېلىشى كېرەك ئىكەن. يوسسى لەمپكوۋىچ بېلگىيە يېشىللار پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى سامۇئېل كوگولاتىنىڭ «جىددىي ئەندىشە قىلىۋاتىمىز، دەپ قويۇش يىتەرلىك ئەمەس»، «كونكىرېت تەدبىرلەرنى ئېلىش كېرەك» دېگەن سۆزلىرىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان.
يوسسى لەمپكوۋىچ سامۇئېل كوگولاتىنىڭ شىنجاڭدىكى قۇل ئىشچىلار ئەمگىكىدىن پايدا ئېلىۋاتقان خىتاي ئاپپاراتلىرىنى ۋە شىركەتلىرىنى قارا تىزىملىككە ئېلىشنى، بۇ مەسىلىنى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاي خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ ئەزاسى بولمىسىمۇ، «لېكىن جىنايەت ئىشلەنسە ئۇنىڭ سوتلاش ھوقۇقى بار. ئۇيغۇر خەلقىغە قارشى ئىشلەنگەن جىنايەتنى جاۋاپكارلىققا تارتىشنىڭ قانۇنى يولى بار،» دېگەن.