«يەھۇدىي خەۋەرلىرى» ھەپتىلىك گېزىتى ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-08-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئەنگلىيەدىكى «يەھۇدىي خەۋەرلىرى» گېزىتى رېنە كېسسىن ساخاۋەت جەمئىيىتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسى نۇسرەت غېنى قاتارلىقلار ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا مەكتۇپ يېزىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتايغا ئىمباگو قويۇشىنى تەلەپ قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، مەكتۇپقا «يەھۇدىي خەۋەرلىرى» نىڭ مۇھەررىرى رېچارد فېررېر، يەھۇدىي ۋەكىللەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى مارېي فون دېر زىل، سىناگوكلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى مايكېل گولدىستەين قاتارلىق يەھۇدىي جامائەت ئەربابلىرىمۇ ئىمزا قويغان.

مەكتۇپتا ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارىتا مۇستەقىل خەلقئارا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چقىلىرىلىپ، «دۆلەت ۋە دۆلەت سىرتىدىكى جاۋابكارلار

نىڭ جازالىنىشى»، «بۇ ۋەھشىلىككە قۇلايلىق يارىتىپ بەرگەن» شىركەت ۋە شەخسلەرنىڭ چەكلىنىشى تەلەپ قىلىنغان. ئىسلام دۇنياسى ئۇيغۇرلارنىڭ يوقىتىلىشىغان سۈكۈت قىلىۋاتقان مەزگىلدە ئەنگلىيە يەھۇدىي جاماەتچىلىكىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۇيغۇرلارنى قوغدىشى خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كەلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر مەكتۇپقا يەنە يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى جېيمىس خاررىس، «يەھۇدىي پەرۋىشكارلار» تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى دەنىيال كارمېن بروۋېن، ئەنگلىيە بىناي-بېرس تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئاللان مىللېر قاتارلىق نوپۇزلۇق يەھۇدىلارمۇ ئىمزا قويغان. ئۇلار مەكتۇپىدا: «بىزنىڭ ‹ھەرگىز قايتىلانمايدۇ› دېگەن بۇ سۆزنى مەناغا ئىگە قىلىشتەك جىددىي ئەخلاقىي مەسۇلىيىتمىز بار. ئەگەر بىز ھازىر ھەرىكەت قىلمىساق، ئۇنىڭ قۇرۇق سۆز ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن بولىمىز،» دەپ تەكىتلىگەن.

تولۇق بەت