يەكەن ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى پارىخورلۇق بىلەن ئەيىبلەنگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-01-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېقىندا يەكەن ناھىيىسىنىڭ ئامانلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى پارىخورلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان. خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، قەشقەر ۋىلايەتلىك تەپتىش مەھكىمىسى يەكەن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، ناھىيىلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى سەي چۈەنشىڭنى رەسمىي قولغا ئېلىشنى قارار قىلغان. سەي چۈەنشىڭ يەكەن ناھىيىسىدە 2014‏-يىلى يۈز بەرگەن «ئىلىشقۇ ۋەقەسى» دىن كېيىن ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلانغان مەزكۇر ناھىيەدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارى. خىتاي دائىرىلىرى 2014‏-يىلى 7‏-ئاينىڭ 28‏-كۈنى رامزان ھارپىسىدا يەكەننىڭ ئىلىشقۇ، خاڭدى بازارلىرىدىكى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتىنى قانلىق باستۇرغان. ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى باستۇرۇشتا نەچچە مىڭ ئۇيغۇرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ياكى ئىز-دېرەكسىز يوقالغانلىقىنى ئېلان قىلغان. لېكىن خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئاز دېگەندە 500 ئۇيغۇرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ياكى ئىز-دېرىكى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن. دائىرىلەر ۋەقەدە 37 ئادەم ئۆلگەنلىكى، 59 ھۇجۇمچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

شۇ ۋەقەدىن كېيىن مەزكۇر ناھىيەدىكى 17 نەپەر كادىر خىزمىتىدە «مەسئۇلىيەتسىزلىك» قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ جازالانغان. سەي چۈەنشىڭنىڭ 2014‏-يىلى «ئىلىشقۇ ۋەقەسى» نى باستۇرۇشتا قانداق رول ئوينىغانلىقى مەلۇم بولمىسىمۇ، ئەمما پارىخورلۇق بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى مەلۇم. خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، سەي چۈەنشىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن يېقىنقى 2-3 ئاي ئىچىدە قولغا ئېلىنغان 37 نەپەر خىتاي ئەمەلدارىنىڭ بىرى ئىكەن. خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىدا، قولغا ئېلىنغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ سەي چۈەنشىڭدىن باشقا پەيزىۋات ناھىيىلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى لى شىڭشى ۋە مەزكۇر ناھىيەنىڭ قاتناش، قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرىدىكى بەزى ئەمەلدارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تولۇق بەت