خىتاي يەمەندىكى خىتاي پۇقرالىرىنى تارقاقلاشتۇرۇشقا باشلىدى

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015-03-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

شىنخۇا تورى ۋە خەلقئاردىكى تاراتقۇلارنىڭ 30-مارت خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى يەمەندىكى خىتاي پۇقرالىرىنى جىددىي ھالدا تارقاقلاشتۇرۇش ئىشىنى ئېلىپ بارماقتىكەن.

سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق سۈننىي مەزھىپىدىكى 9 دۆلەت ئۆتكەن ھەپتىدىن باشلاپ يەمەن پايتەختى سانانى كونترول قىلىۋالغان شىئە مەزھىپىدىكى خوسى قوراللىق كۈچلىرىگە شىددەتلىك ھاۋا ھۇجۇمى باشلىغان. بۇنىڭ بىلەن يەمەننىڭ ۋەزىيىتى بىردىنلا جىددىيلىشىپ كەتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي مۇھاپىزەتچى پاراخوتى ھىندى ئوكياندىن دەرھال قىزىل دېڭىزىغا كىرىپ، يەمەندىكى خىتاي پۇقرالىرىنى قايتۇرۇپ كېتىشكە تۇتۇش قىلغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۋا چۈنيىڭ بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، ھازىرغىچە 571 نەپەر خىتاي پۇقراسىنىڭ يەمەندىن جىبۇتىغا كۆچۈرۈلگەنلىكىنى ۋە بۇ يەردىن پاراخوت ئارقىلىق مەملىكىتىگە قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشى يەمەندىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ب د ت نىڭ توقۇنۇشنى ھەل قىلىش چارىسىگە ئەمەل قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

يەمەندىكى ئىچكى ئۇرۇش ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ ئىران قوللاۋاتقان شىئە مەزھىپىدىكى خوسى قوراللىق كۈچلىرىنىڭ يەمەن پايتەختى سانانى ئىشغال قىلىشى بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئەۋجىگە كۆتۈرۈلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت