مۇسۇلمان پائالىيەتچىلەر يېڭى زېلاندىيە قۇربانلىرىنى خىتايدىن كەلگەن ياردەم پۇلنى قوبۇل قىلماسلىققا چاقىردى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019-03-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مەلۇم بولۇشىچە يېڭى زېلاندىيەدە ئىككى مەسچىت جامائىتى تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، يېڭى زېلاندىيەدە ھۇجۇمدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئائىلىلەرگە ئىئانە قىلىش دولقۇنى قوزغالغان. «ستاف زېلاندىيە» ناملىق خەۋەر تورىدا بايان قىلىنىشىچە زور مىقداردا پۇل ئىئانە قىلغانلار ئارىسىدا يېڭى زېلاندىيەدىكى خىتاي تىجارەتچى جاڭ يىكۈنمۇ بار بولۇپ، ئۇ 2مىليون دوللار ياردەم قىلىشقا ۋەدە بەرگەن.

بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان يېڭى زېلاندىيەدىكى بىر تۈركۈم مۇسۇلمان پائالىيەتچىلەر، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا زۇلۇم سېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئائىلە- تاۋابىئاتلىرىنى خىتايدىن كەلگەن مەزكۇر ياردەمنى قوبۇل قىلماسلىققا دەۋەت قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە جاڭ يىكۇن ئىلگىرىمۇ يېڭى زېلاندىيەدىكى بىر سىياسىي پارتىيەگە 100 مىڭ دوللار پۇل ئىئانە قىلغان ۋە كېيىن ئۇنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن شېرىكچىلىكى بارلىقى، خىتاينىڭ بىرلىكسەپ خىزمىتىدە مەخپىي ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالغان. يېڭى زېلاندىيەدىكى «خادىچە رەھبەرلىك تورى» نامىدىكى تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى بولغان مەزكۇر مۇسۇلمان پائالىيەتچىلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەشەببۇسنامىسىدە خىتاينىڭ چەتئەلدىكى مۇسۇلمانلارغا ياردەم قىلىشتىن ئاۋۋال ئۆز دۆلىتىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ۋە خىتاي تىجارەتچىنى ئىئانە قىلماقچى بولغان 2 مىليون دوللار پۇلىنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا بېرىشىنى تەۋسىيە قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرغا قەدەر يېڭى زېلاندىيە قۇربانلىرىغا توپلانغان ئىئانە پۇلى 8. 5مىليون دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن، شۇڭا يۇقىرىقى مۇسۇلمان پائالىيەتچىلەر ئۆز چاقىرىقىدا خىتاينىڭ ياردىمىگە ئېھتىياج قالمىغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت