خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «غەربىي رايوننى يېڭىچە ئېچىش» شوئارى شۈبھە قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-05-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى يېقىندا «يېڭى دەۋردىكى غەربىي قىسىمنى زور كۆلەمدە ئېچىشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» ناملىق ھۆججەتنى بېسىپ تارقاتتى. ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ۋەزىيەت بىلەن ياخشى تونۇشلۇق ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «بۇ ھال ۋەتىنىمىزدىكى ۋەزىيەتنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە تېخىمۇ قاتتىق تەدبىرلەرگە ماكان بولىدىغانلىقىدىن ئالدىن بېشارەتتۇر» دەپ كۆرسەتتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 19-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «خەلق تورى» بۇ مەسىلىنى مەخسۇس تونۇشتۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنغان.

بۇنىڭدا ئالدى بىلەن تەكىتلەنگەن نۇقتىلارنىڭ بىرى ئېنېرگىيە بايلىقى جەھەتتىكى تەمىنلەش قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، قاتناش-ترانسپورتنى مەركەز قىلغان ھۈل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنى ئاشۇرۇش، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش بولغان. شۇنىڭدەك غەربىي رايوننى مۇستەھكەم كونترول قىلىش ئارقىلىق بۇ جايلارنىڭ خىتاي دۆلىتى ئۈچۈن بىخەتەرلىك قالقىنى بولۇش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ زور مەبلەغ ۋە كۈچ سەرپ قىلىش بەدىلىگە باشلانغان «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» نىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۇيغۇرلار دىيارىنى غەرب-شەرق ئوتتۇرىسىدىكى قاتناش ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرغۇچى ئامىل قىلىش، بۇ ئارقىلىق «سۇسىز پورت» شەھەرلىرى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سۈرۈپ، خىتاينىڭ غەرب تەرەپتىكى ئەللەر بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ئالاقىسىنى كۈچەيتىشمۇ بۇنىڭدىكى ئاساسلىق مەزمۇنلاردىن ئىكەن.

خىتاينىڭ «غەربنى زور كۆلەمدە ئېچىش» قۇرۇلۇشى ئەينى ۋاقىتتا «غەربىي قىسىملارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش» دېگەن نامدا باشلانغانىدى. ئەمما بۇنىڭ ماھىيەتتە غەربىي قىسىمدىكى كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز قاتارلىق ئېنېرگىيە بازىلىرىنى قېزىشتىكى كۆلەم ۋە مىقدارنى ئاشۇرۇش بولغانلىقى ئارىدىن كۆپ ئۆتمەي ئاشكارا بولغان ئىدى. مۇھاجىرەتتىكى بىر قىسىم ئانالىزچىلار مۇشۇ ئەھۋالغا ئاساسەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىمقى يېڭى ھۆججىتىنى خىتاينىڭ شەرق تەرەپتىن ھۇجۇمغا ئۇچراپ قالسا خىتاي ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ئېنېرگىيەنى غەرب تەرەپتىن كاپالەتكە ئىگە قىلىش پىلانىنىڭ بىر قىسمى، دەپ قاراۋاتقانلىقى مەلۇم. مۇستەقىل كۆزەتكۈچى ئېلشات ھەسەن مۇشۇ خىل پىكىرگە مايىل بولۇپ، «شۈبھىسىزكى بۇنداق بىر زور پىلاننى ئىجرا قىلىشقا كىرىشكەن خىتاي ھۆكۈمىتى بىزنىڭ ۋەتىنىمىزدە ھازىرقىدىنمۇ ئېغىر بولغان كونتروللۇق ۋە باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىدۇ» دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت