بىر خىتاي ئادۋوكات «يېپىق تەربىيە لاگېر» لىرى ھەققىدە يەنە بىر تۈركۈم ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018-03-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

كانادا ياشاۋاتقان شاۋن جاڭ ئىسىملىك بىر كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى ئۇيغۇر رايونىدىكى بىر خىتاي ئادۋوكات دوستىنىڭ دەپ بەرگەنلىرىگە ئاساسەن، ئۇيغۇر رايونىدىكى «يېپىق لاگېر» لار ھەققىدە يەنە بىر تۈركۈم ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىدى. ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن تۋىتتېردا ئاشكارىلانغان بۇ ئۇچۇرلاردا، ئۇيغۇر رايونىدىكى 2000 نوپۇسلۇق بىر كەنتتىن 400-500چە كىشىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى، 20-30 چە كىشىنىڭ كىچىك بىر ئۆيدە قىستىلىپ ياتىدىغانلىقى قاتارلىق، ئىلگىرى ئاشكارىلانغان ئەھۋاللار تەكرار دەلىللەنگەندىن باشقا، لاگېردىكىلەرنىڭ 3000 خىتايچە خەت ئۆگىنىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى، دائىرىلەرنىڭ ئائىلىسىدە ئەمگەك كۈچى قالمىغان ئائىلىلەرگە ئايدا 400-500 يۈەن تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىپ قويۇپ، ئۇلارنى بەزلەۋاتقانلىقى، بەزى جازا ھۆكۈم قارارلىرىنى سوت ئورگانلىرى ئەمەس، ئاساسى قاتلامدىكى ئەمەلدارلارنىڭ بېرىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان. خىتاي ئادۋوكاتنىڭ يەنە دېيىشىچە نۆۋەتتىكى «يېپىق تەربىيە» دولقۇنى ئۇيغۇر رايونىدىكى خادىم ۋە ئەمەلدارلار ئارىسىدا يېڭى بىر سودىنى، يەنى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن ئالاقىدار خادىملارغا پۇل خەجلەيدىغان ۋە بۇ پۇلنى سودىلىشىدىغان يېڭى بىر تىجارەت شەكىللەنگەن.

بۇ خىتاي ئادۋوكات ئۇچۇرلىرىدا، لاگېرلاردا ئىككى ۋاقلا تاماق بېرىلىدىغانلىقى، ياشانغانلارنىڭ خىتايچە ئۆگىنىشتە قىينىلىۋاتقانلىقى، تۇتقۇنلاردىن بىر قىسىمنىڭ 15 ئاي تەربىيىلەنگەن بولسىمۇ تېخىچە لاگېردىن قويۇۋېتىلمىگەنلىكى ۋە قاچان قويۇپ بېرىلىشىدىنمۇ خەۋەرسىزلىكىنى بايان قىلغان. خىتاي ئادۋوكاتنىڭ بۇ ئۇچۇرلار ھەققىدىكى ئىزاھاتنامىسىدە: «بەلكىم بۇ، دۇنيادا، ناتسىستلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ ئىنسان ھەقلىرى جىنايىتىدۇر» دېيىلگەن. ئىزاھاتنامىدە يەنە: «مانا بۇ جىنايەتنى ئىشلىگۈچى نۆۋەتتە ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىدە ئولتۇرۇقلۇق ۋە ئۆزىنىڭ مۇشۇ خىل ئىنسان ھەقلىرى فورمۇلىسىنى باشقىلارغا تېڭىش بىلەن ئالدىراش» دەپ ئەسكەرتىلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت