«يەر شارى ۋاقتى» گېزىتى، خىتاي كارخانىلىرىنىڭ «ئەرزان باھالىق ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرى» نى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-11-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» ئۇيغۇر رايونىغا كېلىپ كەڭ كۆلەملىك زاۋۇت ئېچىۋاتقان خىتاي كارخانىلىرىنىڭ «ئەرزان باھالىق ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرى» نى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا زاۋۇت ئاچقان نۇرغۇن خىتاي كارخانىلىرىنىڭ كۆزى بۇ رايوندىكى ئەرزان باھالىق ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىگە تىكىلمەكتىكەن. بۇ خەۋەر خەلقئارادا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېردىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى زاۋۇت-كارخانىلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىپ، خەلقئارا ئەھدىنامىلارغا خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقى، شۇڭا بۇ زاۋۇت كارخانىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان مەزگىلدە ئېلان قىلىنىپ دىققەت قوزغىدى.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا ۋە لاگېر شاھىتلىرىنىڭ بايانلىرىدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىكى «ئىپادىسى ياخشى» دەپ قارالغان تۇتقۇنلارنى بۇ كارخانا-زاۋۇتلاردا ھەقسىز ياكى ئازراق ئىش ھەققى بېرىپ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ كەلدى. يېقىندا ئامېرىكا چېگرا ۋە تاموزھنا ئىدارىسى خوتەندىكى «تەيدا كىيىم-كېچەك چەكلىك ھەسسىدارلىق شىركىتى» نىڭ مەھسۇلاتلىرىئىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلىگەن. شۇنداقلا بەزى خەلقئارا چوڭ شىركەتلەر ئۇيغۇر رايونىدىكى بۇ خىل كارخانىلار بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىنى ئۈزگەنلىكىنى جاكارلىغانىدى.

«يەر شارى ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2019‏-يىلىنىڭ دەسلەپكى 9 ئېيىدا ئاقسۇ ۋىلايىتىگە 523 كارخانا كېلىپ ئورۇنلاشقان بولۇپ، بۇ ئۆتكەن يىلقىدىن ئازراق كەم 25% ئارتقان. كۇچار، شايار قاتارلىق ناھىيەدىكى خوڭياڭ توقمۇچىلىق، يۇشياڭ خۇياڭ خىمىيە شىركىتى، شىنجاڭ جىن لىيۈئەن كىيىم-كېچەك شىركىتى قاتارلىقلار «ئەرزان باھالىق ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرى» نى ئىشقا سېلىۋاتقان ئەنە شۇنداق كارخانىلار ئىكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، يۇڭشياڭ خۇياڭ خىمىيەت شىركىتىنىڭ بىر دىرېكتورى «شىنجاڭدا ئىش ھەققىنىڭ ئىنتايىن تۆۋەنلىكى» نى بىلدۈرۈپ، «بىز تېخىمۇ كۆپ زاۋۇتلارنى كۆچۈرۈپ كېلىشنى سۆزلىشىۋاتىمىز» دېگەن. لېكىن خەۋەردە يەنە يەرلىك دائىرىلەر بۇ كارخانىلارنى «ئىش ھەققى ئىنتايىن تۆۋەن ئەمگەك كۈچى» بىلەن تەمىنلىگەن بولسىمۇ، لېكىن بەزى كارخانىلارنىڭ «پايدىنى قاتناش ترانسپورت خىراجىتى يەپ كېتىپ بارىدۇ» دەپ قاھشاۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت