گۇما ناھىيىسىدىكى 6.5 بال يەر تەۋرەشتە دەسلەپكى قەدەمدە 6 ئادەم ئۆلگەنلىكى مەلۇم بولدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015-07-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە 3-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 7 دىن 7 مىنۇت ئۆتكەندە خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىدە 6.5 بال يەر تەۋرىگەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە خىتاي يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىدارىسىنىڭ خەۋىرى نەقىل ئېلىنىپ، «3-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 7 دە خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيىسىدە 6.5 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10 كىلومېتىر» دېگەن بايانلار بېرىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە گۇمىدا 6.5 بال يەر تەۋرەشتىن كېيىن يەنە 3 بالدىن يۇقىرى 4.5 بالدىن تۆۋەن بىرقانچە قېتىملىق قالدۇق يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن. خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى دەسلەپكى تەكشۈرۈشتە ئۆي ئۆرۈلۈش، يارىنىش ئەھۋالىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى، 6 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. خىتاي خەۋىرىدە يەنە، يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىدە خوتەن، قەشقەر تومۇر يول بۆلىكىدە تەۋرەش سېزىمى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغانلىقى، قىسمەن ۋوگزاللاردىكى ئۆي ۋە ئەسلىھەلەر يېنىك دەرىجىدە بۇزۇلغانلىقى، ھەمدە تومۇر يول قاتنىشىنىڭ بۇ رايوندا ۋاقىتلىق توختىتىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىن گۇمىدىكى يەر تەۋرەشتە يارىلانغان ۋە ئۆي-ماكانى تالاپەتكە ئۇچرىغانلارنىڭ زور كۆپچىلىكى ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. بىز بۇندىن كېيىنكى پروگراممىلىرىمىزدا گۇمىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتى ھەققىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ مەلۇمات بېرىشكە تىرىشىمىز.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت