«يەر شارى ۋاقتى» گېزىتى، د ئۇ ق نىڭ خىتاينى پارچىلاشتا ئاچقۇچلۇق رول ئويناۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-12-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتى 16‏-دېكابىر ماقالە ئېلان قىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ھۇجۇم قىلدى.

ماقالىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، مەركىزى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى مەزكۇر تەشكىلات «خىتاينى پارچىلاشتا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىماقتىكەن». ماقالىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تېررورچى گۇرۇھلار بىلەن ئالاقىسى بار، دەپ قارىلىدىغانلىقى ۋە ۋاشىنگتوندىكى سىياسىي تەشكىلاتلارنىڭ ئۇنىڭغا پۇل بېرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ «خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتىنى قارىلاشتا ۋە غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ خىتايغا تۇتقان بىر تەرەپلىك پوزىتسىيەسىنى ساقلاشتا مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقى» تەكىتلەنگەن. ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، غەرب تاراتقۇلىرى ۋە سىياسىيونلىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن بىرلىشىپ، خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى سىياسىتىنى قارىلىسىمۇ، لېكىن ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىغا كۆز يۇمماقتىكەن.

مەزكۇر ماقالە «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇلۇشنى كۈتۈپ تۇرغان ھالقىلىق مەزگىلدە ئېلان قىلىنغان. مەزكۇر قانۇن لايىھەسى يېقىندا ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللانغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە تاراتقۇلىرى ئۇنىڭغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغاپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى قىلمىشىنى «تېررورلۇق» ۋە «ئەسەبىيلىك» كە قارشى قانۇنلۇق ھەرىكەت، ئاقلىغان ئىدى. «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتى ئۆزىنىڭ «د ئۇ ق خىتاينى پارچىلاشتا ھالقىلىق رول ئوينىماقتا» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە يەنە، ئۇنىڭ «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» بىلەن بىرلىشىپ، «تېررورچىلارنى شىنجاڭدىن گوللاندىيە ۋە تۈركىيەگە يۆتكىگەنلىكىگە، شۇنداقلا «مالايسىيا، تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەردىكى شىنجاڭ تېررورچىلىرىنىڭ تۈركىيە ئارقىلىق سۈرىيە ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى باشقا جايلارغا بېرىپ، جىھادقا قاتنىشىشىغا ياردەم قىلغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن، مەزكۇر ماقالىدە بۇنىڭغا ھېچقانداق بىر دەلىل كۆرسىتىلمىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ سىياسىي ۋە دىنىي بېسىمىدا شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىگە قېچىپ چىققان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى «تېررورچىلىق» بىلەن ئەيىبلەپ، مۇساپىرلارغا ياردەم قىلغان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى بولسا «تېررورچى گۇرۇھلار» غا باغلاپ كەلگەن. لېكىن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئەمەلدارى يېقىندا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ «تېررورلۇق» بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلۇقىنى تەكىتلىگەنىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت