خىتاي دائىرىلىرى قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ چىپان دەرياسى بويىدىكى يېزىلارنى كۆچۈرۈشكە باشلىغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-06-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دائىرىلىرى قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ قارا قۇرۇم تاغلىرىدىن ئېقىپ چىقىدىغان چىپان دەرياسى بويىدىكى بوستانلىقلارغا جايلاشقان ئۇيغۇر يېزىلىرىنى كۆچۈرۈشكە باشلىغان. كەشمىردىن باشلىنىدىغان چىپان دەرياسى قاغىلىقنىڭ 70 نەچچە كىلومېتىر غەربىي جەنۇبىدىن ئېقىپ ئۆتۈپ يەركەن دەرياسىغا قۇيۇلىدۇ. ئۇيغۇرلار ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى بوستانلىقلاردا يېزا-كەنتلەرنى قۇرۇپ، دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن. لېكىن، خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دائىرىلەر 23‏-ئىيۇندىن باشلاپ، دەريا قاسنىقىدىكى چىپان قاتارلىق 3 يېزا-بازارنىڭ يەرلىك پۇقرالىرىنى 110 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئاقتاش، دېگەن تۈزلەڭلىك رايونغا كۆچۈرگەن.

23‏-ئىيۇن كۈنى دەسلەپكى قەدەمدە چىپان يېزىسىنىڭ 9‏-كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق 110 نەپەر ئاھالە ئاقتاشقا كۆچۈرۈلگەن. خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پىلانىدا بۇ ۋادىدىكى چىپاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 3 يېزا-بازاردىن 1448 تۈتۈن، 5600 نامرات ئاھالە ئاقتاشقا كۆچۈرۈلىدىكەن. خەۋەردە بۇ يەردىكى ئاھالىلەرنىڭ ئاخىرقى كۆچۈش تەييارلىقلىرىنى پۈتتۈرۈپ بولغانلىقى تەكىتلەنگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017‏-يىلى 2‏-ئايدىن باشلاپ 2 مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنى تۇتقۇن قىلىپ، لاگېرلارغا قاماش بىلەن بىر ۋاقىتتا، «نامراتلارنى كۆچۈرۈپ قۇتقۇزۇش» قۇرۇلۇشىغا زور مەبلەغ ئاجرىتىپ، تاغلىق رايون، چېگرا بويى ۋە دەريا ئېقىنلىرىنىڭ ھاۋزىسىدىكى ئۇيغۇر يېزا-كەنتلىرىنى كۆچۈرۈشنى، بىر قىسىم ئاھالىلەرنى قاغىلىقنىڭ ئاقتاش رايونىدەك ئىچكىرى جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلەتكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2018‏-يىلى «نامراتلارنى كۆچۈرۈپ قۇتقۇزۇش» قۇرۇلۇشىغا بىر مىليارد 800 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، 30 مىڭ ئاھالىنى كۆچۈرۈشنى پىلانلىغانىدى. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ھۆكۈمەت بۇ يىللىق كۆچۈرۈش قۇرۇلۇشىغا بىر مىليارد يۈەن مەبلەغ ئاجراتقان. خىتاينىڭ «نامراتلارنى كۆچۈرۈپ قۇتقۇزۇش» قۇرۇلۇشى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىزچىل تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كۆچۈرۈشىدىكى ھەقىقىي غەرىزى ئۇلارنى چېگرا بويى، تاغلىق رايون، دەريا ئېقىنلىرىدەك ئىستراتېگىيەلىك جايلاردىن يىراقلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى تېخىمۇ ئاسان كونترول قىلغىلى بولىدىغان رايونلارغا يىغىش، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك كونترول قىلىپ، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى ئاسانلاشتۇرۇش ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت