خوتەن ۋىلايەتلىك دائىرىلەر «تېررورلۇققا دائىر يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنى مۇكاپاتلاش ئۆلچىمى» گە تۈزىتىش كىرگۈزگەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-02-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


خوتەن ۋىلايەتلىك دائىرىلەر يېقىندا «تېررورلۇققا قارشى كۈرەش» تە ئاممىنى قالقان قىلىش، ئاممىنى قوزغاپ «تېررورچىلار» غا زەربە بېرىش ۋە خىزمەت كۆرسەتكەنلەرنى مۇكاپاتلاش چارىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ ھەقتە ئىلگىرى چىقارغان بەلگىلىمىلىرىگە قايتىدىن تۈزىتىش كىرگۈزگەن.

ئىگىلىنىشىچە، خوتەن ۋىلايەتلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن قايتا تۈزىتىلگەن ۋە دەرىجىسى كۆتۈرۈلگەن بۇ مۇكاپاتلاش چارىسى 23-فېۋرال كۈنى كېرىيە ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تورىدا رەسمىي ئېلان قىلىنغان.

ئۇنىڭدا ئىلگىرى بۇ ھەقتە چىقىرىلغان بەلگىلىمىلەردىكى ماددىلاردىن باشقا يەنە يېڭىدىن بىرقانچىلىغان ماددىلار قوشۇلغان.

«مۇكاپاتلاش چارىسى» نىڭ 9-ماددىسىغا چېن چۋەنگو ئالاھىدە تىلغا ئالغان «ئىككى يۈزلۈك» كادىرلار ۋە دىنىي زاتلار ھەققىدىكى كونكېرىت چارە قوشۇلغان. ئۇنىڭدا «ئىككى يۈزلۈك» كادىرلار بىلەن «ئىككى يۈزلۈك» دىنىي زاتلار ياكى «ياۋا ئاخۇنلار» نىڭ گۇمانلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەنلەرگە 200 مىڭدىن 500 مىڭ سومغىچە مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خوتەن ۋىلايەتلىك مالىيە ئىدارىسى 100 مىليۇن سوم مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ، «تېررورلۇققا دائىر يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنى مۇكاپاتلاش فوندى» تەسىس قىلغان ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت