ئىستانبۇلدا سۇيىقەستكە ئۇچرىغان يۈسۈپجان ئەمەتنىڭ دېلوسىغا ئالاقىدار ئىككى گۇماندار قولغا ئېلىنغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-11-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تۈركىيە ئاناتولىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 26-نويابىر تارقاتقان خەۋەرگە قارىغاندا، ئىستانبۇل ساقچى دائىرىلىرى ئىستانبۇلنىڭ ئاۋجىلار رايونىدىكى دېنىزكۆشكلەر مەھەللىسىدە قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ ئېغىر يارىلانغان يۈسۈپجان ئەمەتنىڭ دېلوسىغا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە 11-نويابىر كۈنى 29 ياشلىق ئەزەربەيجانلىق ت. ئالىيېفنى قولغا ئالغان. ئۇ سوراققا تارتىلغاندا، ئۆزىنىڭ يۈسۈپجان بىلەن ئېلىم-بېرىم مەسىلىسى بارلىقىنى، شۇڭا ئۇنىڭغا قوراللىق ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ھالبۇكى، يۈسۈپجان ئەمەت ئەينى چاغدا رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، ئۆزىنىڭ پېيىگە چۈشكەن بۇ كىشىنى تونۇمايدىغانلىقىنى ۋە ھېچكىم بىلەن ھېچقانداق زىددىيىتى يوقلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، سوراقتىن كېيىن، گۇماندار ت. ئەلىيېفنىڭ دېلوسى ئەدلىيە ئورۇنلىرىغا ئەۋەتىلىپ، رەسمىي قولغا ئېلىنغان.

ئەينى ۋاقىتتىكى ھۇجۇم جەريانىنى سۈرەتكە ئالغان جىنايەت گۇماندارلىرىدىن ئى. ئۆمەر 20-نويابىر كۈنى ساقچىغا تەسلىم بولغان بولۇپ، ئۇنىڭمۇ دېلوسى ئەدلىيەگە ئەۋەتىلگەندىن كېيىن، قولغا ئېلىنغان.

جىنايەت گۇماندارى ت. ئەلىيېف ئىستانبۇلنىڭ كۈچۈك چەكمەجە رايونىدىكى ئۆيىدە تۇتقۇن قىلىنىش جەريانىغا ئائىت سىن كۆرۈنۈشلىرى تۈركىيەدىكى ئاخباراتلاردا ئېلان قىلىندى.

يۈسۈپجان ئەمەت 2-نويابىر ئىستانبۇل ۋاقتى كەچ سائەت 11 ئەتراپىدا قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ ئېغىر يارىلانغانىدى. يۈسۈپجان ئەمەت خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا ئۆزىنىڭ بۇرۇن خىتاي جاسۇسلۇق ئورگانلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا مەجبۇرلانغانلىقىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، ئۇ بۇ سەۋەبلىك خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى تەرىپىدىن تەھدىتكە ئۇچراپ كەلگەنلىكىنى ئېيتقان. يۈسۈپجان ئەمەت ئۇچرىغان قوراللىق ھۇجۇمدا قولى ۋە دولىسدىن ئوق يېگەن بولۇپ، ئۇ ھازىر جىددىي داۋالانماقتا.

تولۇق بەت