جېيمېس دېۋېنېش: «ئۆلۈمسىز ھالاكەت: خىتاينىڭ زامانىۋى قىرغىنچىلىقى»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-01-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

دۇنيا تارىخىدىكى بىرنەچچە قېتىملىق زور كۆلەملىك قىرغىنچىلىق ھادىسىسىدىن كېيىن ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنىڭ بۇ خىل قىرغىنچىلىقتىن ساقلىنىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى يىللاردىن بۇيان تەكىتلىنىپ كەلمەكتە. 20-يانۋار كۈنى ئاۋسترالىيەلىك ئانالىزچى جېيمىس دېۋېنىش بۇ ھادىسە ھەققىدە مەخسۇس توختىلىپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەنى «پەۋقۇلئاددە شەكىل ئالغان زامانىۋى قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىدى. شۇنداقلا دۇنيانى بۇ ھادىسىگە سەل قارىماسلىققا دەۋەت قىلدى.

ئاپتور ماقالىسىدە نۆۋەتتە مەلۇم بولۇۋاتقان ھەمدە خىتاي كومپارتىيەسى بىۋاسىتە جاۋابكار بولۇشى لازىم بولغان بۇ «زامانىۋى قىرغىنچىلىق» نىڭ ھازىرچە زور كۆلەملىك ئادەم ئۆلتۈرۈش دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلمىگەنلىكىنى، ئەمما تارىختىكى بارلىق قىرغىنچىلىقلارنىڭ مۇشۇ شەكىلدە باشلانغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ. شۇنىڭدەك نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەرنى قوغدىلىدىغان ھەقلەر توغرىسىدىكى خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەرگە ھەمدە ئۇنىڭدىكى كونكرېت ماددىلارغا سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق: «بۇ سېپى ئۆزىدىن زامانىۋى قىرغىنچىلىقتۇر» دەپ كۆرسىتىدۇ.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، قىرغىنچىلىق ھەرقاچان مەلۇم بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ئاساسىنى ۋەيران قىلىشنى ئۆز نىشانلىرىنىڭ بىرى قىلىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە زور كۈچ بىلەن يوقىتىۋاتقانلىقىنى دەل مۇشۇ خىل مەدەنىيەت دۇنياسى ئىكەن. ئۇ ماقالىسىدە بۇ خىل «يوقىتىش» نىڭ ئۆزى ئۈرۈمچىگە بارغاندىكى روشەن ئىپادىلىرىنىمۇ ئەسلەپ ئۆتىدۇ.

2019-يىلى سېنتەبىردىكى ئۈرۈمچى خاتىرىسىنى ئەسلىگەن جېيمىس «ساقچى دۆلىتى، دېگەندە ھېچقانداق شەھەر ئۈرۈمچىگە يەتمەيدۇ. بۇ شەھەردە ھېچكىم چىراي تونۇش ئاپپاراتىدىن ئۆتمەي تۇرۇپ بىۋاسىتە يۈز مېتىر ماڭالمايدۇ» دەيدۇ. شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ھېچقانداق ئاخبارات ساھەسى بىلەن ئالاقىسى يوق بولۇشىغا قارىماي ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈشى، ئارقىسىغا ئادەم چۈشۈۋېلىشنىڭ ئۈزۈلمەسلىكى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئوخشاش سوئالنى زېرىكمەستىن قايتا-قايتا سورىشى دېگەنلەردىن قۇتۇلالمىغانلىقىنى بايان قىلىپ: «مۇشۇنىڭ ئۆزىدىنلا يەرلىك خەلقنىڭ قانداق بېسىملار ئىچىدە ھايات كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس» دەيدۇ.

ئاپتور بۇ ئەھۋاللارنىڭ دۇنياغا مەلۇم بولۇۋاتقان «قايتا تەربىيەلەش» نامىدىكى لاگېرلارنىڭ سىرتىدىكى ھايات ئىكەنلىكىنى ئەسلەتكەچ، نۆۋەتتە مىليونلىغان كىشىلەر قامىلىپ بولغان لاگېردا نېمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقى توغرىسىدا لاگېر شاھىتلىرىنىڭ كۆپلىگەن ۋەھشىيلىكلەردىن مەلۇمات بەرگەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى دۇنيادىن كەلگەن ئېكسكۇرسىيە ئۆمەكلىرىنى ئالدىن تەييارلانغان ئورۇنلارغا باشلاش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كۆزىنى بولۇۋاتقانلىقىنى، ئاللىقاچان پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنىڭ ئون پىرسەنتى قامىلىپ بولغان بولسىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدا بۇ خىل باستۇرۇشنى تېخىمۇ كېڭەيتىۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ ئۆتىدۇ.

ئاپتور ئاخىرىدا يېڭى بىر مەيدان ئېتنىك قىرغىنچىلىقنىڭ كۆپلىگەن ئالامەتلىرى شۇنچە روشەن ئايدىڭ بولۇۋاتقاندا ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى، شۇنىڭدەك باشقا غەرب دۆلەتلىرىنى ئۆتمۈشتىن ساۋاق ئېلىشقا ھەمدە يېڭى بىر مەيدان قىرغىنچىلىقنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىشقا ئالاھىدە دەۋەت قىلىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت