زەھەرلىك چېكىملىك خىتاي ئىقتىسادىغا 500 مىليارد يۈەن زىيان سالغان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2015-06-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


زەھەرلىك چېكىملىك مەسىلىسى خىتاي ئىقتىسادىغا ئۆتكەن بىر يىلدا 500 مىليارد يۈەن زىيان سالغان.

خىتاينىڭ مۇئاۋىن ج خ مىنىستىرى ليۇ يۆجىننىڭ 24 - ئىيۇندىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بىلدۈرۈشىچە، خىتايدىكى زەھەرلىك چېكىلىك ئىشلەتكۈچىلەر سانى نۆۋەتتە 14مىليوندىن ئاشىدىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: بۇنىڭ پۈتۈن دۆلەتكە سېلىۋاتقان يىللىق بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زېيىنى 500 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە يەنە، ئۆتكەن يىلى خىتايدا زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن ئۆلگەن ئادەم سانى 49 مىڭغا يەتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا مېتامفېتامىن دەپ ئاتىلىدىغان بىرىكمە زەھەرلىك چېكىملىكىنى ئىشلىتىدىغانلار سانىلا 2014 - يىلى 1 مىليون 200 مىڭغا يېتىپ، 2013 - يىلدىكىدىن 41 پىرسەنت ئۆرلىگەن.

ليۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايغا ئەتكەس قىلىنىدىغان زەھەرلەر ئاساسلىقى تايلاند، بېرما، پاكىستان ۋە ئافغانىستان قاتارلىقلار دۆلەتلەردىن كېلىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت