«زىمىستان» تورى خىتاي ئۆلكىلىرىدە خىزمەت قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئوخشاشلا قاتتىق نازارەت قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-02-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئىشلەۋاتقان ۋە مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكىگە ئوخشاشلا قاتتىق تەقىب قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

«زىمىستان» تورى 7-فېۋرال كۈنى تارقاتقان بىر خەۋىرىدە خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئىشلەيدىغان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ داۋاملىق ھالدا سوراق قىلىنىپ، تېلېفونلىرىنىڭ تەكشۈرۈلۈپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئىشلەيدىغان ئۇيغۇرلار ئىچكىرىگە بېرىشتىن ئاۋۋال يەرلىك ساقچى دائىرىلىرىگە ئۆزلىرىنىڭ ئەھۋالىنى تەپسىلىي مەلۇم قىلىپ، ئۇلارنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشى كېرەك بولسا، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە كەلگەندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلىپ تۇرۇشى كېرەك ئىكەن. ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇلارغا ھەپتىدە بىر قېتىم خالىغان ۋاقىتتا تېلېفون قىلىپ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ تۇرىدىكەن.

شەنشى ئۆلكىسىدە ئىشلەيدىغان بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ «زىمىستان» تورىغا ئېيتىپ بېرىشىچە، ئەگەر ئۇلار بۇ تېلېفونغا ئۈچ قېتىم جاۋاب بەرمەي قالسا، ساقچىلار دەرھال كېلىپ ئۇلارنى قولغا ئالىدىكەن ۋە يۇرتىغا قايتۇرۇۋېتىدىكەن. شۇڭا ئۇلار ھەممىسى تېلېفونلىرىنى بىر يەرلەردە ئۇنتۇپ قېلىشتىن بەك ئەنسىرەيدىكەن.

خەۋەردە يەنە ئىچكىرىدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇيدىغان بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ سىنىپتىكى خىتاي ساۋاقداشلىرى بىلەن ساياھەتكە چىققاندا ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈنلا سەپەر جەريانىدا نۇرغۇن سوئال-سوراققا دۇچ كەلگەنلىكى، بۇ ئەھۋالدىن ئۇنىڭ خىتاي ساۋاقداشلىرىنىڭمۇ قاتتىق ھەيران بولغانلىقى بايان قىلىنغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت