«زىمىستان» تورى: «نامراتلىقنى تۈگىتىش ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-04-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئىتالىيەدىكى «زىمىستان» تورى خىتاينىڭ نامراتلىقنى تۈگىتىش نامىدا ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر تور بېكىتىنىڭ 17-ئاپرېل ئېلان قىلغان ماقالىسىدە گېرمانىيەلىك ئۇيغۇرشۇناش ئادرىيان زېنزنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، خىتاينىڭ «شىنجاڭدىكى نامراتلىققا قارشى تۇرۇش پروگراممىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى كىملىكىدىن مەھرۇم قىلىش، ئۇلارنى قۇللۇق ئەمگىكىگە مەجبۇرلاشنىڭ يەنە بىر خىل قورالى» ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

ماقالىدە قەيت قىلىشىچە، ئادرىيان زېنز بۇ سۆزلەرنى ئامېرىكادىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ بۇ ھەپتە ئۆتكۈزۈلگەن تور سېمىنارىدا تەكىتلىگەن. ئۇ نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى بويسۇندۇرۇش ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستىراتېگىيەسى يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقى، ئۇنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك، مائارىپنى قورال قىلىش، ئەۋلادلارنى ئايرىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشقا كىرىشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان نامراتلىقنى تۈگىتىش پروگراممىسى بۇ پىلاننىڭ بىر پارچىسى ئىكەن.

خىتاينىڭ پىلانى 2023-يىلغا قەدەر بىر مىليون ئىشچىنى توقۇمىچىلىق ساھەسىگە ئورۇنلاستۇرۇش بولۇپ، بۇنىڭ 650 مىڭ نەپىرىنى جەنۇبتىكى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدىكەن. «زىمىستان» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئادرىيان زېنز يەنە تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ پاسسىپ تەرەققىيات بولمىسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ ئاخىرقى مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇر كىملىكى ۋە دۇنيا قارىشىنى ئۆزگەرتىش ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ نىيىتىنىڭ نىشانلىق «مەدەنىيەت قىرغىچىلىقى» غا ياتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت