«زىمىستان» تورى: «ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى ئانا تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۇنۇتۇشقا مەجبۇرلانماقتا»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-09-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«زىمىستان» تورى 16-سېنتەبىر كۈنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن 3 يىللىق توختام بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەكتەپلەردە خىتاي تىلى ئوقۇتقۇچىلىقى قىلىش ئۈچۈن كەلگەن بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنى زىيارەت قىلىش ئاساسىدا بۇ ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى ھەققىدە بىر قىسىم ئېچىنىشلىق مەلۇماتلارغا ئېرىشكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، 2018-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە خىزمەت قىلىۋاتقان بىر خىتاي ئوقۇتقۇچى مەكتەپكە نۇرغۇن خىتاي ئوقۇتقۇچىلار ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىشتىن بوشىتىلغانلىقىنى ۋە كۆپىنچىسىنىڭ يۇرتلىرىغا قايتىشقا مەجبۇرلانغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ يەسلىلەردە مەجبۇرىي ھالدا خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقان بالىلاردا ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان تەسىر پەيدا قىلغانلىقىنى ئېيتىپ: «بەزى ئۇيغۇر بالىلار ئاتا-ئانىلىرى بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەندە ئىككى ئېغىز ئۇيغۇرچە گەپنى راۋان قىلالماي قىينىلىدۇ. بىزنىڭ خىزمىتىمىز ئۇلارنى ياخشى ئوقۇتۇش ئەمەس، چوڭ بولغاندا ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش. ئۇلارنىڭ مېڭىسى ھەر كۈنى يۇيۇلىدۇ، دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئىسمىنى ئەستە تۇتۇشقا مەجبۇرلىنىدۇ،» دېگەن.

ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەۋاتقانلىقىغا ئىككى يىل بولغان يەنە بىر 20 نەچچە ياشلاردىكى خىتاي ئوقۇتقۇچى سىنىپىدىكى نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكىنى، بەزىلىرىنىڭ ھەتتا لاگېرلاردا ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى كۆزىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ ئېيتىپ بەرگەن. ئۇ: «ئاتا-ئانىلىرى لاگېرلارغا قامالغان نۇرغۇن بالىلار بار، ئۇلارنىڭ تېلېفوندا بولسىمۇ ئاتا-ئانىلىرى بىلەن ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىشتىن مەھرۇم قالدى،» دېگەن.

يەنە بىر خىتاي ئوقۇتقۇچى بولسا لاگېرلارغا قامالغانلاردىن قويۇپ بېرىلگەنلەرنىڭ ئىنتايىن ئازلىقىنى، ئۇلار قويۇپ بېرىلگەن تەقدىردىمۇ شەھەر ئەتراپىدىكى زاۋۇتتا مەجبۇرىي ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى كۆرۈشى ئۈچۈن ئاندا-ساندا ئاران رۇخسەت ئالالايدىغانلىقىنى، زاۋۇتتىن چىققاندا ۋە كەلگەندە تىزىملىتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن.

«زىمىستان» تورى يەنە بالىسى ئۇيغۇر ئېلىگە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغىلى كەتكەن بىر كىشىنىمۇ زىيارەت قىلغان. ئۇ كىشى مۇخبىرغا: «شىنجاڭدا خەنزۇ ئوقۇتقۇچىلار كەمچىل. مەكتەپلەر ئۇلارنىڭ قايتىپ كەلمەسلىكىدىن ئەنسىرەپ، ئۇلارنى بۇ يىل يازلىق تەتىل ۋە بايرام كۈنلىرىدە يۇرتلىرىغا قايتىشىغىمۇ رۇخسەت قىلمىدى،» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇنىڭ قىزى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە خىتاي تىلى دەرسى بېرىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈچ يىللىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى پات ئارىدا ئاخىرلىشىدىكەن. بىراق دادىسى دائىرىلەرنىڭ ئۇنىڭ قايتىشىغا رۇخسەت قىلماسلىقىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى، قىزىنىڭ كىملىكى ۋە پارتىيە ئەزالىق كارتىسىنى دائىرىلەرنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن.

«زىمىستان» تورى يەنە ۋەزىپىسى توشماي تۇرۇپلا رايوندىكى بېسىمغا چىدىماي ئىچكىرى ئۆلكىگە قايتىپ كەتكەن بىر خىتاي ئوقۇتقۇچىنىڭ ھازىر ھېچيەردىن ئىش تاپالمايۋاتقانلىقىنى ئىگىلىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت