«زىمىستان» تورى لاگېردىكى نۇرغۇن ئۇيغۇرنىڭ فۇجيەن ئۆلكىسىگە يۆتكەپ كېلىنىپ، ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-12-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئىتالىيەدىكى «زىمىستان» تورى 23‏-دېكابىر كۈنى تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىپ، لاگېردىكى نۇرغۇن ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ خىتاينىڭ فۇجيەن ئۆلكىسىدىكى جىنجياڭ، چۇەنجوۋ قاتارلىق شەھەرلەرگە يۆتكەپ كېلىنىپ، زاۋۇت-كارخانىلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

بۇ جايدىكى ئۇچۇر مەنبەلىرىنىڭ «زىمىستان» تورىغا بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئۇيغۇر ئىشچىلىرىنىڭ ھەممىسى سابىق لاگېر تۇتقۇنلىرى ئىكەن. بىر ئۇچۇر مەنبەسى ئۇلارنىڭ لاگېرلاردىن قويۇپ بېرىلىپلا فۇجيەنگە يۆتكەپ كېلىنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ «ئەگەر بۇ ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىگە بېرىپ ئىشلەشنى رەت قىلسا، لاگېرغا قايتۇرۇلۇپ كېتىلىدىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ ئۇچۇر مەنبەسىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا ئۆلكىلەرگە يۆتكەپ ئاپىرىلىشىدىكى مەقسەت ئۇلارنى «ئىسلام دىنى ۋە ئەسەبىيلىكتىن خالى قىلىپ، ئۇلارنىڭ تېزرەك خىتايلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش» ئىكەن.

دوكلاتتا ئىچكىرىدىكى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نازارەت ئاستىدا ياشايدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ دىنىي ئىبادىتى چەكلىنىپ، ئۇلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك، قانۇن-تۈزۈم ۋە خىتاي تىلى ئۆگىتىلىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ھەر دۈشەنبە كۈنى بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغانلىقى، مۇراسىمنى ساقچىلارنىڭ نازارەت قىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

بىر ئۇيغۇر ئىشچى «زىمىستان» تورىنىڭ خادىمىغا بەرگەن ئۇچۇرىدا ساقچىلارنىڭ دائىم ياتاق ۋە يانفونلىرىنى تەكشۈرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. فۇجيەننىڭ چۈەنجوۋ شەھىرىدىكى يەنە بىر ئۇچۇر مەنبەسى بۇ شەھەردىكى ئۇيغۇر ئىشچىلىرىنىڭ ھەر كۈنى 13 سائەت ئىشلىسىمۇ، لېكىن ئىنتايىن ئاز مائاش بېرىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. چۈەنجوۋدىكى بىر ئۇيغۇر ئىشچى «زىمىستان» تورىغا «بىز ھەر كۈنى بەك چارچاپ كېتىمىز. چۈنكى ئارتۇق ئىشلىشىمىز كېرەك. مەخپىي ئىبادەت قىلايلى دېسەكمۇ ئۇنىڭغا ۋاقتىمىز ۋە ھالىمىز قالمايدۇ،» دېگەن.

بۇنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر بايانات ئېلان قىلىپ، لاگېردىكى كۇرسانتلارنىڭ ھەممىسى «ئوقۇش پۈتتۈرگەنلىكى» نى ئېلان قىلغان. لېكىن كۆزەتكۈچىلەر ئۇنىڭ سۆزىنىڭ گۇمانلىق ئىكەنلىكى، لاگېردىكى بەزى تۇتقۇنلارنىڭ زاۋۇت-كارخانىلارغا يۆتكەپ كېتىلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت