خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا زور ساندا ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىشى گۇمان قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-07-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارنىڭ تاقىلىشى ھەققىدە مىش-مىش پاراڭلار ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقايسى جايلاردا كۆپلەپ ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش ھەققىدە ئېلان چىقىرىشى زور گۇمان قوزغىماقتا.

«ئاقسۇ ھۆكۈمەت تورى» نىڭ 23-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 2019-يىلىغا قارىتا ئاقسۇ رايونى جەمئىيەتتىن ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش ھەققىدە تەپسىلىي ئېلان چىقارغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەسلى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئۈچۈن قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇتقۇچىلاردىن «ۋەتەن، مەن سېنى سۆيىمەن»، «بېيجىڭنى تيەنئەنمېننى سۆيىمەن»، «ئۆگىنەيلى لېي فېڭ ئۈلگىسىنى»، «خەلقئارا بالىلار ئىنتېرناتسىيونالى» قاتارلىق ناخشىلارنى ئېيتىش ماھارىتىنى كۆرسىتىش تەلەپ قىلىنغان.

«كورلا شەھەرلىك ھۆكۈمەت تورى» نىڭ مۇناسىۋەتلىك ئېلانىدا 2019-يىلىغا قارىتا جەمئىيەتتىن شتات سىرتىدا 600 نەپەر ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ كەسپىي دىپلوملىرىدىن باشقا خىتاي تىلىدا 2-B دەرىجىسىگە يەتكەن بولۇشى تەلەپ قىلىنىدىغانلىقى ئېيتىلىدۇ. ئەمما بۇنچە كۆپ ساندىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قەيەردە دەرس ئۆتىدىغانلىقى ھەققىدە ھېچنەرسە دېيىلمەيدۇ.

ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ «بۇنچە كۆپ ساندا ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ ئۆزى ئاتالمىش ‹تەربىيەلەش› كە قامالغانلارغا ئوقۇتقۇچى يېتىشمەيۋاتقانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن» دەپ كۆرسەتتى. شۇنىڭدەك لاگېرغا قامىلىدىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ سانى بارغانسېرى ئېشىپ ماڭغانلىقتىن، شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا كۆپىيىپ ماڭغان ئىگە-چاقىسىز ئۇيغۇر گۆدەكلىرىنى خىتايلاشتۇرۇش تەربىيەسىنىڭ ئېھتىياجىمۇ ھازىر ناھايىتى زور ساندا ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىغا موھتاج بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 24-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە «غەرب پىلانى» بويىچە غەربىي رايونغا بېرىپ خىزمەتكە چۈشىدىغان «خىزمەتچى پىدائىيلار» نىڭ سانىنى 20 مىڭغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا بېرىلىۋاتقان مۇناسىۋەتلىك خىزمەت ئېلانلىرىدا پەۋقۇلئاددە يۇقىرى مائاش، ئولتۇراق ئۆي تەمىناتى، يىللىق مۇكاپات سوممىسى قاتارلىقلار ئالاھىدە تەكىتلىنىۋاتقان بولۇپ، ئىچكىرىدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى جەلپ قىلىش ۋاسىتىسى بولۇپ كەلگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت