ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2013-12-19
بۇ يىل سېنتەبىرنىڭ مەلۇم بىر كۈنى كەچ سائەت 9:00 دا، بىر خىتاي ساقچى 4 ئامپۇل تەييار ئوكۇلنى ئېلىپ، ياردەمچى ساقچى ئابلىمىتنىڭ ھەمراھلىقىدا خوتەننىڭ مەلۇم بىر ناھىيىسىدىكى بىر يېزىلىق دوختۇرخانىغا كېلىدۇ.
2013-12-19
پۇتۇنلەي قوش تىل ئوقۇتۇشىدا تەربىيىلەنگەن ئۇيغۇر بالىلىرى تۇنجى تۈركۈمدە بۇلتۇردىن باشلاپ ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئۆرلەپ ئوقۇشقا باشلىدى، ئىنكاس ۋە ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئوقۇتقۇچىلارنى، ئاتا ئانىلارنى ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ئېچىندۈرۇۋاتقىنى - ئوتتۇرا مەكتەپكە قەدەم قويۇۋاتقان بۇ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئۇيغۇرچىدىمۇ، خىتايچىدىمۇ ئوخشاشلا تولۇق ساۋاتلىق بولالمايلا قالماي، كەسپىي دەرسلەردە باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن سەۋىيىگە يەتمەيۋاتقانلىقىدەك ئاچچىق رىئاللىق.
2013-12-19
نۆۋەتتە خىتاينىڭ چەتئەل مۇخبىرلىرىغا قويۇۋاتقان چەكلىمىلىرىنىڭ يېقىنقى 20 نەچچە يىلدىن بۇيان ئەڭ ئېغىر دەرىجىگە يەتكەنلىكى مەلۇم بولماقتا.
2013-12-19
خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى 260 مىليون يېزىلىق كۆچمەن خىتايغا، شەھەر نوپۇسى بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بۇ سىياسەت شەھەرلەرگە بېرىپ ئىشلەش ئارزۇسىدىكى ئۇيغۇرلارغا توغرا كەلمىگەن.
2013-12-18
خىتاي 15-دېكابىر كۈنى قەشقەر كوناشەھەر سايباغ يېزىسىدا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەدە، 16 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى، ئارىسىدا ئىككى نەپىرىنىڭ ساقچى خادىمى، قالغانلىرىنىڭ بولسا تېررورچى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان، ئەمما كىملىكلىرىنى تەپسىلىي ئاشكارىلىمىغان ئىدى.
2013-12-18
خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بىلەن قەشقەر توققۇزاقتىكى يەرلىك دائىرىلەر ۋە يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ 15-دېكابىر «سايباغ ۋەقەسى» ھەققىدە بەرگەن بىر-بىرىگە زىت ئۇچۇرى، خىتاينىڭ تېررورلۇق تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقانلىق پىكرىگە ئىلگىرىلەپ گۇمان پەيدا قىلدى.
2013-12-18
ئۇيغۇر دېھقانلىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى خىتاينىڭ «دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى» دېگەن تەشۋىقاتلىرىنى «پۈتۈنلەي سەپسەتە» دەپ رەددىيە بەردى.
2013-12-18
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن UNPO (خەلقئارا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى) نىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، ياۋروپا پارلامېنت بىناسىدا «خىتاي رەھبەرلىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا ھازىرمۇ؟» دېگەن تېمىنى چۆرىدىگەن ئاساستا خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى.
2013-12-18
15-دېكابىر قەشقەرنىڭ كوناشەھەر ناھىيىسى سايباغ يېزىسىدا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەگە قارىتا تۈركىيەدىكى بىر قىسىم سىياسىي پارتىيىلەر ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار تور بەتلىرىدە بايانات ئېلان قىلدى.
2013-12-18
قازاقىستاننىڭ يەرلىك ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئاستانا شەھىرىنىڭ ئاقئوردا بېناسىدا دۆلەت بايرىمى-مۇستەقىللىق كۈنى ھارپىسىدا قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ بىر قاتار مەملىكەت خىزمەتچىلىرىگە، ھەربىيلەرگە، مەدەنىيەت ۋە ئىلىم-پەن ئەرباپلىرىغا دۆلەت مۇكاپاتلىرىنى تاپشۇرغانلىقىنى خەۋەرلىدى.
2013-12-18
بۈگۈن مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي، ئىران ۋە تۈركىيە قاتارلىق ئۈچ دۆلەتنى مۇخبىرلار ئەڭ كۆپ تۈرمىگە قامالغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.
2013-12-18
بۈگۈن شىنخۇا خەۋەرلەر تورى قەشقەر شەھىرىدە چوڭ يەر ئاستى سۇ مەنبەسى بايقالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق گېئولوگىيە تارماقلىرى ئىككى يىلغا يېقىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق قەشقەر شەھىرى ئەتراپىدا يېڭىدىن چوڭ ۋە پەۋقۇلئاددە چوڭ يەر ئاستى سۇ مەنبەسى ۋە سۇ بىلەن تەمىنلەش نىشان رايونىدىن ئىككىنى بايقىغان.
2013-12-18
ئۇيغۇر رايون ساقچى دائىرىلىرى كوناشەھەرنىڭ سايباغ يېزىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەگە ئالاقىدار يەنە 6 كىشىنى قولغا ئالغان. تەڭرىتاغ تورى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، گۇماندارلار بىلەن بىرلىكتە بىر تۈركۈم پارتلىتىش ئۈسكۈنىسى، قولدا ياسىغان قورال ۋە پىچاقلارنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
2013-12-18
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ، خەلقئارا جامائەتنى خىتاينىڭ «شەرقىي تۈركىستانچى» تېررورچىلارغا قارشى كۈرىشىدە ھەمكارلىشىشقا چاقىردى. ئۇ سۆزىدە، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىگە ئوخشاش تېررور تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىنتېرنېت قاتارلىق ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىش ئارقىلىق تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2013-12-18
بۈگۈن، خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا ۋە خىتايغا ئائىت ئىككى پاراخوتنىڭ دېڭىزدا بىر-بىرىگە خەتەرلىك دەرىجىدە يېقىنلاشقانلىقىنى ئىقرار قىلدى. ئەمما ئۇلار ئەينى چاغدا خىتاي ھەربىي پاراخوتىنىڭ دېڭىزدا نورمال چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
2013-12-17
كوناشەھەر ناھىيىسى سايباغ يېزىسىدا 16 كىشىنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئاياغلاشقان ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاۋازى بولغان مەتبۇئاتلىرى دەرھال تېررورلۇق، دىنىي رادىكاللىقنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىنى بۇزۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى تەشۋىقاتلىرىنى باشلىۋەتتى.
2013-12-17
ئورخۇن مەڭگۈ تاشلىرىنىڭ بايقىلىشى ۋە ئۇنىڭغا پۈتۈلگەن قەدىمكى يېزىقلارنىڭ يېشىلىشى تۈركولوگىيە تەتقىقاتىنى بۇنىڭدىن 120 يىل ئىلگىرىلا يېڭى تارىخىي دەۋرگە باشلاپ كىرگەن ۋە تۈركولوگىيە تەتقىقاتى جەريانىدا مول نەتىجىلەر ياراتتى.
2013-12-17
ياپونىيەدىكى پان ئاسىيائىزم ھەرىكىتىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بىرى بولغان سىياسىيون ئوكاۋا شۇمېئى «ئاسىيانى قايتا قۇرۇپ چىقىش» دېگەن دوكلاتىدا مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا بىلەن ياپون ئەلچىسى كىتادانىڭ كابۇلدا ئۇچرىشىشى تاسادىپىي ئىش بولماستىن، بەلكى سىياسىي زۆرۈرىيەت ئىكەنلىكىنى دېگەن.
2013-12-17
تۈركىيە دىنى ئىشلار ئىدارىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى خىتاي ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئادىلجان باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ۋە تۇڭگانلاردىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەت رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلدى.
2013-12-17
ياۋروپادىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى 14-15-دېكابىر كۈنلىرى ئارقا-ئارقىدىن سايلام ئۆتكۈزۈپ، باشقۇرۇش ھەيئەتلىرىنى يېڭىدىن سايلاپ چىقتى. بۇ تەشكىلاتلاردىن بىرى بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدۇر.
2013-12-17
گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى ھەيئەتلىرى سايلام پائالىيىتىگە نازارەت قىلىش ۋە يېتەكچىلىك قېلىش مەقسىتى بىلەن گوللاندىيەگە كەلگەن د ئۇ ق ۋەكىللىرى مەزكۇر سايلام پائالىيىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى.
2013-12-17
رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى ئىگىلىگەن ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 15-دېكابىر يەكشەنبە كۈنى قەشقەر كونىشەھەر(توققۇزاق)ناھىيىسى سايباغ يېزىسىدا خىتاي ئالاھىدە ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ 6 سىنىڭ ئايال ئىكەنلىكى ۋە ۋەقەدىن كېيىن 21 بالىنىڭ يېتىم قالغانلىقى ئاشكارىلاندى.
2013-12-17
خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە 17-دېكابىر بېيجىڭدا ئېچىلغان خىتاي مەملىكەتلىك دىنىي ئىشلار يىغىنىدا دىنىي ساھەدە خىزمەت قىلىۋاتقان خادىملارنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق كاپالەت خىزمىتى ئاساسەن ئاياغلاشقانلىقى، خىتايدىكى بارلىق دىنىي زاتلارنىڭ دوختۇرغا كۆرۈنۈش سۇغۇرتىسى 96.5% كە يەتكەنلىكى خەۋەر قىلىندى.
2013-12-17
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى سەيشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ نامدا ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق قانۇنىي بەلگىلىمىلەرگە چۈشمەيدىغان بۇ خىل تۈزۈمنى «زەھەر تاشلاتقۇزۇش مەركىزى» ھەتتا «قارا تۈرمە» شەكلىدە ساقلاپ قالغانلىقىنى تەنقىدلىدى.
2013-12-17
يېقىندا يۈز بەرگەن تىنچ ئوكياننىڭ خىتاي، ياپونىيە، كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن چېگرىلىنىدىغان شەرقىي دېڭىز ھاۋا بوشلۇقى ئىختىلابىدىن كېيىن، ئامېرىكا خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئوخشاش خاتالىقنى يەنە تەكرارلىماسلىققا ئۈندىدى.
2013-12-17
بېيجىڭدىكى ما فامىلىلىكنىڭ ئاشپۇزۇلىدا 17-دېكابىر كۈنى چۈشتە پارتلاش يۈز بېرىپ،9 ئادەم يارىلاندى.
2013-12-16
تەڭرىتاغ تورى تارقاتقان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 15-دېكابىر، يەنى يەكشەنبە كۈنى كەچقۇرۇن شۇ يەر ۋاقتى سائەت 11 ئەتراپىدا قەشقەرنىڭ كوناشەھەر ناھىيىسىگە قاراشلىق سايباغ يېزىسىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن.
2013-12-16
لەنجۇ پەن-تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بۇھەجەر ئابلا، ياتاق بىناسىدىن ئارقانغا ئېسىلىپ چۈشۈش داۋامىدا يىقىلىپ ئومۇرتىقىسى زەخىملەنگەندىن كېيىن، مەكتەپ رەھبەرلىكى ئۇنى داۋالىتىش ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتمىگەن.
2013-12-16
15-دېكابىر گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ يېڭى رەھبەرلىرى ۋەزىپىگە تەيىنلەندى. ئۇلار خېلىدىن بېرى تور يۈزىدە ئېلان بېرىپ مەزكۇر تەشكىلاتتىكى خىزمەتلەرنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالايدىغانلارنىڭ ئۆزلىرىنى تېگىشلىك ۋەزىپىلەرگە نامزات قىلىپ كۆرسەتسە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
2013-12-16
قازاقىستان، ئۇيغۇر كىنوچىلىقىنىڭ مۇھىم ماكانلىرىدىن بىرى. بۇ دۆلەتتە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە بىر قىسىم تارىخىي ھېكايە فىلىملار ۋە ھۆججەتلىك فىلىملار ئىشلەنگەن ئىدى. يېقىندا قازاقىستان ئۇيغۇر كىنو رېژىسسورلىرى، پرودىيۇسسورلىرى ۋە ئارتىسلىرى يېڭى ھېكايە فىلىم ئىشلىدى.