ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2012-12-27
ئەنگىلىيىدە چىقىدىغان گاردىيان گېزىتى ئالدىنقى كۈنى تارقاتقان خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خەلقئارالىق ئەنگىلىيىدە چىقىدىغان گاردىيان گېزىتى ئالدىنقى كۈنى تارقاتقان خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خەلقئارالىق سەھىيە مۇتەخەسسىسلىرى خىتاي قاتارلىق بەزى ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن تۈركۈم - تۈركۈملەپ ئىمپورت قىلىنىۋاتقان ساختا دورىلارنىڭ ئافرىقا خەلقىنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. سەھىيە مۇتەخەسسىسلىرى خىتاي قاتارلىق بەزى ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن تۈركۈم - تۈركۈملەپ ئىمپورت قىلىنىۋاتقان ساختا دورىلارنىڭ ئافرىقا خەلقىنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2012-12-27
بۈگۈن چىڭخەي ئۆلكىسى تىبەتلەرنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىش ۋەقەلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى چىڭىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چىڭخەي گېزىتىدە بېرىلگەن خەۋەردە دائىرىلەر بۇندىن كېيىن كوچىلاردا چارلاش ساقچىسى ۋە ھەربىيلەرنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى، چەتئەللىكلەرنىڭ تىبەت راھىبلىرى مەركەزلىك جايلاشقان توڭرېن رايونىغا كىرىشىنى چەكلەش ئۈچۈن تەكشۈرۈش بېكەتلىرى قۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
2012-12-27
25 - دېكابىر كۈنى قازااقىستاندا بىر ھەربىي ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ، ئايروپىلاندىكى 7 خىزمەتچى ۋە 20 ئوفېتسىر ھەممىسى قازا قىلغان ئىدى. قازاقىستان چېگرا قوغداش ئىدارىسدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان بۇ ۋەقە قازاقىستان خەلقىنى قاتتىق قايغۇغا چۆمدۈردى. پرېزىدېنت نۇرسۇلتان نازاربايېف بۈگۈن رەسمىي بايانات ئېلان قىلىپ، 27 - دېكابىر كۈنىنى دۆلەت بوىىچە ماتەم كۈنى دەپ ئېلان قىلدى.
2012-12-27
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، خەلقئارا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى قاتارلىق ئورگانلار بىرلىشىپ، ئالدىمىزدىكى 3 - ئايدا جەنۋەدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
2012-12-27
بىز ئۆتكەن ھەپتدىكى پروگراممىزىدا 5 - ئىيۇل غايىپلىرىدىن مەمەت باراتنىڭ ئانىسى سۇدىخاننىڭ ئۈرۈمچى ئالتۇنبۇلاقتىكى ئۆيىدىن ساقچىلارنىڭ بېسىمى بىلەن ھەيدەلگەنلىكى ۋە سۇدىخان ئائىلىسىنىڭ ئالتۇنبۇلاقتىكى بىر مېھمانخانىدا كۈن ئۆتكۈزىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدۇق. بۈگۈن مۇخبىرىمىز سۇدىخاننى ئۆيىدىن كۆچۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان ساقچى خادىمىنى زىيارەت قىلدى. ساقچى خادىمى سۇدىخاننى ئۆيىدىن كۆچۈشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، ئەمما، ئۇنى بالىسىنى ئىزدەشتىن توسۇۋاتقانلىقىنى يوشۇرمىدى.
2012-12-27
26 - دېكابىر كۈنى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى «جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ ئىجتىمائى دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىش قانۇنىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخسى»نى ئېلان قىلىپ، 2013 - يىلى 1 - يانىۋاردىن باشلاپ،يېڭى قانۇنى بەلگىلىمىلەرنىڭ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2012-12-27
تۈركىيە قانال7 تېلېۋىزىيىنىڭ «دىيار، دىيار» پروگراممىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت، ئۆرپ - ئادەتلىرى ۋە تاماقلىرى تونۇشتۇرۇلدى.
2012-12-27
تۈركىيە، خىتاي مۇناسىۋىتى 41 يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، كېيىنكى يىللاردا بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. مۇتەخەسسىسلەر تۈرك، خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم سىياسىي مەسىلىنىڭ بىرىگە ئايلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
2012-12-27
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 1944 - ، 1949 - يىللاردىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىدا ئۆز ھاياتىنى تەقدىم قىلغان قەھرىمان قىز رىزۋانگۈلنىڭ ئوبرازى يازغۇچى زۇنۇن قادىرنىڭ «شەپقەت ھەمشىرەسى» ناملىق ھېكايىسى بىلەن كومپوزىتور قۇددۇس غوجامياروفنىڭ «رىزۋانگۈل» سىمفونىيىسى ئارقىلىق خەلق قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان.
2012-12-27
ياپونىيە ئۆزىنى قوغداش ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ سابىق باش قوماندانى توشىئو تاموگامى يېقىندا ئۆز نامىدا نەشر قىلىنىدىغان ژۇرنالدا «دىنىي ئېتىقادى بولمىغان خىتاينىڭ ئۇيغۇر، تىبەت ۋە ياپونلارنىڭ دىنىغا قارشى تۇرۇشى» دېگەن سەرلەۋھىلىك ماقالىسىنى ئېلان قىلغان.
2012-12-27
خەلقئارادىكى ئەڭ چوڭ ئۇيۇشما بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بەلگىلىگەن قانۇنلارنى، خىتابنامىلەرنى ھازىرقى مەۋجۇت مەملىكەتلەرنىڭ بارلىقىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىنىڭ شەرتلىكى كۆپچىلىككە ياخشى مەلۇمدۇر. ئەينە شۇ قانۇنلارنىڭ بىرى - ھەر بىر مىللەتنىڭ، خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى ساقلاش ھەم ئۇلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈشتۇر.
2012-12-27
يېقىندا قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئارتىق ھاجى، باش يىگىت بېشى ئۆمەرجان ھەمرايىۋ ۋە ئىتتىپاق كېڭىشىنىڭ بىر تۈركۈم ئەزالىرى ئىسسىق كۆل ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىتتىپاق شۆبىلىرى قۇرۇش، ئاياللار كېڭىشى قۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان.
2012-12-26
ئۆزبېكىستان 31 - دېكابىر كۈنىدىن ئېتىبارەن تاجىكىستاننى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىدۇ. پەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ تاجىكىستان خەۋەر ئاگېنتلىقىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، بۇ ئۇچۇرنى ئۆزبېكىستان تەبىئىي گاز شىركىتى «ئۇزتراسگاز» شىركىتى تارقاتقان.
2012-12-26
70 تىن ئارتۇق خىتاي پروفېسسور ۋە ئادۋوكات خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى رەھبەرلىرىگە مەكتۇپ يوللاپ، ئۇلارنى مۇۋاپىق دەرىجىدە سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا ۋە پارتىيىنى ھۆكۈمەتتىن ئايرىشقا چاقىردى.
2012-12-26
26 - دېكابىر ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرى ياپونىيە پارلامېنتىدا بىلەت تاشلاپ، سابىق ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېنى قايتىدىن باش ۋەزىر قىلىپ سايلاپ چىقتى. شىنزو ئابې سايلامدىن كېيىن يېڭى كابىنېت تەشكىللىدى.
2012-12-26
سۈرىيە ئارمىيىسى ژاندارما ئەترىتىنىڭ باش كوماندىرى ئەسەد ھۆكۈمىتىدىن يۈز ئۆرۈپ قوزغىلاڭچىلار تەرىپىگە ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى جاكارلىدى.
2012-12-26
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلمەكتە. جۈملىدىن 2012 - يىلىدىمۇ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي، مەدەنىي، سىياسىي پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، مۇھىم خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. بىز 2012 - يىلى ئاياقلىشىش ئالدىدا تۇرغان بىر پەيتتە مانا بۇ مۇھىم پائالىيەتلەرنى بىر ئەسلەپ ئۆتۈش ئۈچۈن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ دېرىكتورى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيتوف ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.
2012-12-26
خىتاينىڭ ئىلىم ساھەسىدىكى بىر تۈركۈم ئاتاقلىق زاتلار ۋە ئادۋوكاتلار خىتاي رەھبەرلىرىگە تەكلىپنامە سۇنۇپ، سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان.
2012-12-26
خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيىسى تەرىپىدىن بىرقانچە يىلدىن بېرى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن» 10 شەخسنى باھالاش پائالىيىتى بۇ يىلمۇ مۇنازىرە قوزغىدى.
2012-12-26
د ئۇ ق مۇھاجىرلار كومىتېتى رەئىسى رەئىسى خەيرۇللا ئەفەدىگىل ئەپەندى تۈركىيىنىڭ قىرىققالە ئۇنىۋېرسىتېتىدا بەرگەن دوكلاتىدا، تۈركىيە 2012 - يىلىنى خىتاي مەدەنىيەت يىلى دەپ ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇنىڭغا قارشى تۈركىيىدىكى پائالىيەتنى كۈچەيتىشنى قارار قىلغانلىقى، بۇنىڭغا ئاساسەن بىر يىل ئىچىدە تەخمىنەن 30 قېتىم دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزگەنلىكى، بۇنىڭ كۆپىنى تۈركىيىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.
2012-12-26
ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ تارىخ تەتقىقاتچىسى كۇباتىن ئەندرېي ئەپەندى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە ئانا تىلىدا تەلىم ئېلىش تەبىئىي ھوقۇقى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
2012-12-26
ئاۋسترالىيىنىڭ سېيدنى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 8 - نۆۋەتلىك «ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر لوڭقىسى» ئايلانما مۇسابىقىسى 12 - ئاينىڭ 23 - كۈنى باشلىنىپ 26 - كۈنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئاياغلاشتى.
2012-12-26
بۈگۈن ياپونىيىدىكى سايلامدا غەلىبە قىلغان ياپونىيە ئەركىن دېموكراتچىلار پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرى ياپونىيىنىڭ سابىق باش ۋەزىرى، مەزكۇر پارتىيىنىڭ رەئىسى شىنزو ئابې باشچىلىقىدا يېڭىدىن كابىنت تەشكىللەپ، ياپونىيە يېڭى ھۆكۈمىتىنى قۇرۇپ چىقتى.
2012-12-26
قىرغىزىستاندا يىتىشىپ چىققان ئۇيغۇر يىگىتى پودپولكوۋنىك ھەسەنجان مۇختاروف ئۆز كەسپىدە قىرغىزىستان دۆلىتىگە ئالاھىدە تۆھپە قوشۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى يۈكسەلدۈرۈش، ئانا تىلىنى ساقلاپ قىلىش، ياشلارنى تەربىيىلەش يولىدىكى ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىگىمۇ ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۆز ھەسسىسىنى قوشۇپ كەلمەكتە ھەمدە خەلقنىڭ ھۆرمەت ۋە ئالقىشىغا سازاۋەر بولماقتا.
2012-12-26
2012 - يىلى 12 - ئاينىڭ 24 - كۈنى بەھرەين دۆلىتىنىڭ پايتەختى مەنامە شەھىرىدە «ئەرەب قولتۇقىغا جايلاشقان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كېڭىشى» نىڭ 33 - نۆۋەتلىك چوڭ قۇرۇلتىيى چاقىرىلدى.
2012-12-25
غەربلىكلەرنىڭ دىنىي بايرىمى بولغان روجىستىۋا بايرىمى مەزگىلىدە، خىتايدىكى ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە خىتاي ياشلىرى ئارىسىدا ئەۋج ئېلىۋاتقان روجىستىۋا بايرىمىنى ئۆتكۈزۈش قىزغىنلىقى ھەققىدە مۇنازىرىلەر كۆپەيگەن. خىتايدىكى ئۇيغۇر تورداشلارمۇ بۇ مۇنازىرىلەرگە قاتناشقان بولۇپ، تور بېكەتلىرىدە «ئۇيغۇرلار روجىستىۋا بايرىمى ئۆتكۈزسە بولامدۇ» دېگەن تېمىدا تالاش - تارتىشلار كۆپەيگەن.
2012-12-25
رىم پاپاسى بېنىدىكت 16 سەيشەنبە كۈنىدىكى روجىستىۋا دۇئاسىسدا خىتايغا ئەركىنلىك، سۈرىيىگە تىنچلىق تىلىدى. نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە يېزىلىشىچە، بۇ يىل 85 ياشقا كىرگەن رىم پاپاسى بېنىدىكت پېتېر باسىلىكا چېركاۋىنىڭ بالكونىدا تۇرۇپ روجىستىۋا دۇئاسى بەرگىنىدە، مەيداندىكى 40 مىڭ كىشى ئۇنىڭ «ئەڭ قىيىن مەزگىل، ئەڭ مۇشەققەتلىك ئەھۋالدىمۇ، پۈتۈن دۇنيا ئۈمىدۋار بولۇشى كېرەك. توقۇنۇش داۋاملىشىۋاتقان سۈرىيە ۋە زوراۋانلىق يۈز بېرىۋاتقان جايلاردا ئۇرۇش ئاياقلىشىپ، تىنچلىقنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن دۇئا قىلايلى.» دېگەن سۆزلىرىنى ئاڭلىغان. پاپا دۇئاسىدا خىتاينى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ يېڭى رەھبەرلىرى دىننىڭ دۆلەتكە قوشقان تۆھپىسىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. ئۇلارنى ساقلاۋاتقان مۇقەددەس ۋەزىپە دوستانە ھەم مۇھەببەتلىك جەمئىيەت قۇرۇش.»
2012-12-25
رادىئومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ ئىگىلىشىچە، سەيشەنبە كۈنى 25 - دېكابىر كۈنى خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان 2010 - يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شىياۋبونى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ ئىمزا توپلىغۇچىلار سانى 390 مىڭدىن ئاشقان.
2012-12-25
خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىنىڭ 25 - دېكابىر سەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ خىتايدىكى يۈننەن، گۇاڭدۇڭ، سىچۈەن، ئەنخۇي، فۇجيەن قاتارلىق 9 ئۆلكىدە ئېلىپ بارغان ئادەم بېدىكلىرىگە زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە، ئادەم بېدىكلىرىدىن 355 نەپەرنى قولغا ئالغانلىقى ئاشكارىلانغان.
2012-12-25
ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ تارىخ تەتقىقاتچىسى كۇباتىن ئەندرېي ئەپەندى، تارىختا ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆزبېكلەرنىڭ بىر خەلق ئىكەنلىكىنى، تارىختا ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېكلەر ئۆزلىرىنى بىر خەلق دەپ قارايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر، ئۆزبېك دېگەن ئاتالغۇنى تەلەپپۇز قىلماستىن، ئەنجانلىق، تاشكەنتلىك، قەشقەرلىق، تۇرپانلىق دەپ ئاتىشىدىغانلىقىنى، 1924 - يىللاردا رۇسلار بۇ خەلقنى ئىككىگە ئايرىپ، ئەنجان ۋە پەرغانە تەرەپتىكىلەرنى ئۆزبېك، شەرقىي تۈركىستان تەرەپتىكىلەرنى ئۇيغۇر دەپ ئىككى خەلققە ئايرىۋەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئۇيغۇر، ئۆزبېك تىللىرىنى ئىككى تىل ئەمەس، ئىككى شىۋە دېيىشكە بولىدۇ، دېدى.