ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-12-22
خىتاي ئاخباراتلىرى ۋە بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قۇربان ھېيت ۋە يېڭى يىلىنىڭ ئالدى - كەينىدە يەرلىك خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا "ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى پاش قىلىش" قاتارلىق تەشۋىق پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتىشكە ھەمدە ئادەم تۇتۇشقا باشلىغان.
2008-12-21
ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرلىكىنىڭ مەخپىي ئارخىپلارنى ئاشكارىلىشىچە، 1965 - يىلى،1 - ئايدا ياپونىيە باش ۋەزىرى ئېيساكۇ ساتو ئامېرىكانى زىيارەت قىلغاندا، ئەينى ۋاقىتتىكى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت ماكنامارا بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە ئامېرىكانى خىتايغا قارشى يادرو ھۇجۇمى قىلىشقا دەۋەت قىلغان بولۇپ، بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر بېرىشىچە، سابىق ياپونىيە باش مىنىستىرى ئەگەر خىتاي بىلەن ئۇرۇش پارتلاپ قالسا، ئامېرىكىنىڭ يادرو قورالى بىلەن جاۋاب قايتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .
2008-12-21
خىتاي ھۆكۈمىتى 2009 - يىلى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 12 ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايونىدىن 4700 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئىختىساس ئىگىسى تەربىيىلەش پىلانى تۈزگەن بولۇپ، بۇ ساننىڭ ئىچىدە ماگىستىرلار 3700 نەپەر، دوكتورلار 1000 نەپەر بولىدىكەن.
2008-12-21
خىتاينىڭ قازاقىستان بىلەن بولغان ئېنېرگىيە ھەمكارلىقلىرى ئۈزلۈكسىز تۈردە كۈچەيتىلمەكتە. ئىلگىرىدىن تارتىپ ھازىرغىچە قازاقىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز سودىسى ۋە ھەمكارلىقىغا خىتاي دۆلەتلىك باش نېفىت ۋە تەبىئىي گاز شىركىتى ئىگە بولۇپ كەلگەن بولسا، ئۆتكەن جۈمە ئۈرۈمچى شەھىرىدە خۇسۇسىيلار ئىگىدارچىلىقىدىكى گۇئاڭخۇي شىركىتى قازاقىستاننىڭ TBM ئېنېرگىيە شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈزگەن.
2008-12-21
رۇسىيە باش مىنىستىرى ۋلادىمىر پۇتىن جۈمە كۈنى بۇنىڭدىن كېيىن چەتئەلەردىن ئىمپورت قىلىدىغان ئاپتوموبىللارنى ئازايتىش ۋە چېگرا بېجىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق رۇسىيىنىڭ ئۆزىنىڭ ئاپتوموبىل سانائىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ھەم بۇ ئۇسۇل بىلەن رۇسىيىنىڭ ئەسلىدىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئاپتوموبىل سانائىتىنى ۋەيران بولۇش خەۋپىدىن قۇتۇلدۇرۇش لازىملىقىنى تەكىتلىگەندىن كېيىن رۇسىيىنىڭ بىر قىسىم ئاپتوموبىل سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان پورت شەھەرلىرىدىكى پۇقرالار ۋە تىجارەتچىلەر نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بارغان.
2008-12-20
ئامېرىكا قوراللىق قىسىملىرى باش شتابىنىڭ رەئىسى گېنېرال مايك مۇلەن شەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىدا كېلەر ياز ئايلىرىغىچە، ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سانى 60 مىڭ كىشىگە يېتىشى مۇمكىن، دېدى.
2008-12-20
خىتاي دۆلەت كابىنېتى شەنبە كۈنى بىر ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنى، دۇنيا پۇل مۇئامىلە كرىزىسى نەتىجىسىدە ئىشسىز قىلىپ، ئۆز شەھەرلىرىگە قايتقان ئاققۇن ئىشچىلارغا ئىش ئىمكانىيىتى يارىتىشقا چاقىردى.
2008-12-20
تەيۋەندە ما يىڭجۇ پرېزىدېنت ۋەزىپىسىگە باشلىغاندىن بېرى، تەيۋەن بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر كۈنسېرى يېقىنلىشىۋاتقان بولۇپ، خىتاي تەرەپ شەنبە كۈنى، ئەگەر تەيۋەن تەلەپ قىلسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەنگە ئىقتسادىي ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
2008-12-20
خىتاي دۆلەت كابىنىتىنىڭ مەسلىھەتچىسى چەن كۋانشېڭ خىتايدىكى ئىشسىزلار سانىنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ساندىن خېلى كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
2008-12-19
ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگىتوندىن تارقىتىۋاتقان ئەركىن ئاسىيا رادىئو دولقۇنلىرىدا ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش باشلانغاندىن بۇيانقى ئون يىل مابەينىدە، ئىستانسىمىز، ئوي - پىكرى، ئارزۇ - ئارمانلىرىنى دۇنياغا ئاڭلىتالمايۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى، مەدەنىي،مائارىپ، ئېتىقاد، ساقلىق ھەم مۇھىت مەسىلىلىرىنى دۇنياغا ئاڭلىتىپ كەلمەكتە.
2008-12-19
خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي سانائەت مەھسۇلات مىقدارلىرى 11 - ئايدا 10 - ئايدىكىدىن 2.8 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن.
2008-12-19
"ۋاقىت" گېزىتىنىڭ 12 - ئاينىڭ 16 - كۈنىدىكى سانىدا، گېزىتنىڭ ئەنقەرەدىكى مۇدىرى مۇستافا ئۆزگۈر ئەپەندىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش سېكرېتارى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان زىيارىتى ئېلان قىلىندى.
2008-12-19
قازاقىستاندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان جۇمھۇرىيەتلىك مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن 18 - دېكابىر كۈنى ئالماتادىكى قۇددۇس غۇجامياروف نامىدىكى ئۇيغۇر تىياتىرىدا ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇت قەشقىرىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
2008-12-19
كانادادا چىقىدىغان "ماكلەئانس" ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان "خىتاينىڭ غەربىدىكى ئۇيغۇرلار " ناملىق ئۇزۇن ماقالىدە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى نېفىت ۋە تەبىئىي بايلىقلارنى ئېچىش سىياسىتىنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىنى بۇ رايونغا كۆچۈرۈش ئۈچۈن بىر پۇرسەت بولغانلىقى ئۈستىدە توختىلىدۇ.
2008-12-19
خىتاي زىيالىيلىرى يېقىندا ' 2008 نىزامنامىسى' نى ئېلان قىلىپ، خىتايدا ئاساسىي قانۇن ھەرىكىتى باشلاپ، فېدېرال جۇمھۇرىيەت قۇرۇش چاقىرىقىنى مۇھاكىمە قىلىشقا باشلىدى.
2008-12-19
ئامېرىكىنىڭ تېكساس شتاتىدىكى " جۇڭگو ياردەم جەمئىيىتى" دەپ ئاتىلىدىغان بىر خرىستىئان دىنىي جەمئىيىتى جۈمە كۈنى جىددىي چاقىرىقنامە ئېلان قىلىپ، خەلقئارا مەتبۇئات، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بۇ ئىشقا قىزىقىدىغان كىشىلەرنى خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر خرىستىئان مۇرىتلىرىدىن ئالىمجان ھىمىت، ئوسمان ئىمىن ۋە خىتاي خرىستىئان مۇخلىسلىرىدىن لو يۈەنچىنىڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.
2008-12-19
خىتاينىڭ بىر ئىلمىي تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ لوپنۇر رايونىدا زور كۆلەملىك ئىلمىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، كرۇرەن خارابىلىقىنىڭ ئەتراپىدىكى بىر جايدىن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 206 - يىلدىن مىلادى 420 - يىلغىچە بولغان دەۋرگە ئائىت بىر قەدىمى تۇرالغۇ جاينى بايقىغان.
2008-12-19
نوبىل مۇكاپات جەمئىيىتى باھالاش ھەيئىتى 2006 - ۋە 2008 - يىللىرى خىتايدا ئېلىپ بارغان زىيارىتىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سەپەر چىقىمىنى كۆتۈرۈۋېتىشىگە يول قويغانلىقى ۋە خىتايلار بىلەن مۇكاپات ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقى سەۋەبلىك پارا ئېلىش بىلەن ئەيىبلىنىشكە دۇچ كەلدى.
2008-12-19
خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى دۇڭگۈەن شەھىرىدە ساقچىلار جۈمە كۈنى كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلماقچى بولغان مەزكۇر شەھەردىكى بىر چامادان زاۋۇتىنىڭ نەچچە يۈز ئىشچىسىنى زاۋۇت قورۇسىغا سولىۋالغان.
2008-12-19
سابىق چېخىيە پرېزىدېنتى ۋاتسلاۋ خاۋېل جۈمە كۈنى ئامېرىكىنىڭ Wall Street Journal گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىگە ھۈرمەت قىلىش، ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرغان كىشىلەرنى باستۇرۇشنى توختىتىشقا چاقىردى.
2008-12-18
ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا تارقىتىۋاتقان ئەركىن ئاسىيا رادىئو دولقۇنلىرىدا ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش باشلانغاندىن بۇيان، قىسقىغىنا بىر سائەتلىك پروگراممىسى ئارقىلىق ئاۋازى، ئوي پىكرى، ئارزۇ - ئارمانلىرىنى دۇنياغا ئاڭلىتالمايۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ياڭرىتىش، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى، مەدەنىي، مائارىپ، ئېتىقاد، ساقلىق ھەم مۇھىت مەسىلىلىرى ھەققىدە چىن ئۇچۇرلارنى ئىگىلەپ دۇنياغا ئاڭلىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، ئۇيغۇرلارغا ھەم دۇنيا ئۇچۇرلىرىنى يەتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.
2008-12-18
ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى - ساخاروف مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن خىتاي تۈرمىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇ جيانى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى، چارشەنبە كۈنى، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ستىراسبۇرگدىكى بىناسىدا ئۆتكۈزۈلدى.
2008-12-18
18 - دېكابىر كۈنى خىتايدا ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغىنىغا 30 يىل تولغان كۈن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خەلق قۇرۇلتىيى زالىدا سۆز قىلغان خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىك ئورنىنىڭ مەڭگۈلۈك ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.
2008-12-18
ئاۋغۇست ئېيىدا كۇچاردا يۈز بەرگەن ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا قارىتىلغان ھۇجۇمدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رايونلارغا قارىتىلغان كونترول قىلىش، باستۇرۇش، تۇتقۇن قىلىش، نازارەت قىلىش ھەرىكىتىنى كۈچەيتكەن.
2008-12-18
كانادادا چىقىدىغان نوپۇزلۇق سىياسىي خاراكتېردىكى "ماكلېئانس"ژۇرنىلىنىڭ تور بېتىدە، "خىتاينىڭ غەربىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى" ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىندى.
2008-12-18
ئالدىنقى ھەپتىدە قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەك شەھىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىتتىپاق جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن مەھمۇت قەشقەرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىغا بېغىشلانغان خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە مەھمۇت قەشقەرى ۋە ئۇنىڭ دەۋرى توغرىسىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى مۇھىم ۋە ئەھمىيەتلىك بولغان.
2008-12-18
"رابىيە قادىر ھەققىدە داستان" دېگەن كىتاب مەركىزى گېرمانىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئازادلىق نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا نەشىر قىلىندى.
2008-12-18
"رابىيە قادىر ھەققىدە داستان" دېگەن كىتاب مەركىزى گېرمانىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئازادلىق نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا نەشىر قىلىندى.
2008-12-18
ئامېرىكىنىڭ 44 - قېتىملىق پرېزىدېنتلىقىغا باراك ئوباما سايلانغاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ياۋرو - ئاسىيا سىياسىتى ھەققىدە كۆپلەپ ماقالىلار ئېلان قىلىنماقتا.