ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-03-31
ئالدىنقى كۈندىكى پروگراممىمىزدا، 23 - ۋە 24 - مارت كۈنلىرى خوتەن شەھىرىدە يۈز بەرگەن نامايىش ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدۇق. ئۇنىڭدىن كېيىن رادىئو ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئىنكاسى ۋە تېلېفون زىيارەتلىرى ئارقىلىق يەنە بىر قاتار تولۇقلىما مەلۇماتلارغا ئېرىشتۇق. خوتەندىن يېڭىلا خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىسىگە كەلگەن بىر تىجارەتچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نامايىش، خوتەن شەھىرىنىڭ لوپ ئاپتوۋۇز بېكىتىدىن باشلانغان. بۇ بېكەت، خوتەن شەھىرىگە، خوتەندىكى، چىرىيە، كىرىيە، لوپ قاتارلىق ناھىيىدىن يولۇچى كېلىدىغان ئاۋات بىر قاتناش بېكىتى بولۇپ، 600 نەپەر ئايال شۇ كۈنى سائەت 10 دا بۇ بېكەتكە توپلانغان.