ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2009-12-31
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆلۈم جازاسى بېرىپ سەيشەنبە كۈنى ئۈرۈمچىدە ئىجىرا قىلغان ھىندى قان سېستىمىسىدىكى ئەنگىلىيىلىك ئاكمەل شەيخنىڭ ئائىلىسى چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر دىلونى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدىكى تەكەببۇرلۇقى ۋە يوغانچىلىقىنى شىددەتلىك تەنقىد قىلدى.
2009-12-31
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەلق قۇرۇلتىيى "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى"نى ماقۇللاپ، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە پايدىسىز گەپ - سۆز قىلغۇچىلارنى جىنايەتچى سۈپىتىدە جازالايدىغانلىقىنى بېكىتتى.
2009-12-31
خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىر ياردەمچىسى جېن شاۋدۇڭ خىيانەتچىلىك بىلەن ئەيىبلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ مەسىلىسى خىتاي ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدىكەن.
2009-12-31
خىتاي ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى سىچۈەننىڭ تىبەتلەر ئولتۇراقلاشقان گەنزى رايونىدىكى تىبەت ئىبادەتخانىسىنىڭ جامائەت ئىچىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر لامالىرىدىن فۇربۇ سېرىن رېنپوچىنى ئاز كەم 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.
2009-12-30
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، 2009 - يىلى ئۇيغۇر خەلقى قانداق ۋەزىيەتلەرگە دۇچ كەلدى؟ بولۇپمۇ سىياسىي، ئىجتىمائى، دىنىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە قانداق ئەھۋاللارغا يولۇقتى؟ شۇ ۋەزىيەتلەردىن قانداق يەكۈن چىقىرىش كېرەك؟
2009-12-30
خەلقئارادىكى داڭلىق مەتبۇئاتلارنىڭ 2009 - يىللىق زور ۋەقەلەرگە قاراتقان ئىستاتىستىكىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2009 - يىلى 7 - ئايدا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"نىڭ خەلقئارادا قوزغىغان تەسىرى زور بولغان بولۇپ، بۇ ۋەقە يىللىق خەلقئارالىق زور ۋەقەلەر تىزىملىكىدە مۇھىم ئورۇندا تورغان.
2009-12-30
خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىغا بىر كۈن قالغاندا يەنى 30 - سېنتەبىر كۈنى سائەت 18:45 دە، مەمەت ئۇيغۇر ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە كېلىپ خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا ئۆزى ياسىغان پارتلىغۇچى ماددىنى تاشلىغاندىن كېيىن، قاماپ قويۇلغان ئىدى.
2009-12-30
بۇ يىل ئاخىرىدا قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايىف دۆلەت بويىچە خىزمەت كۆرسەتكەن بىر تۈركۈم تۆھپىكارلارنى ھۆرمەت ئوردىنى بىلەن مۇكاپاتلىدى.
2009-12-30
ئىسلام دۇنياسى ئىجتىمائى تەشكىلاتلار بىرلىكى، كامبۇدژانىڭ 20 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى. بۇ بايانات، تەشكىلاتنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنىپ، كامبۇدژانىڭ 20 نەپەر سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلغان ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكى ئەيىبلەنگەن.
2009-12-30
خوتەننىڭ لوپ ناھىيىسى بەشتوغراق يېزىسى تەۋەسىدە "سىياۋۇش ۋەلىيۇللا"مازىرى دەپ ئاتىلىپ كەلگەن بىر قەبرىگاھ بولۇپ، قەدىمقى زامان خوتەن تارىخىي ۋەقەلىكلىرىنىڭ گۇۋاھچىسى سۈپىتىدە، يەرلىك خەلق تەرىپىدىن تا ھازىرغىچە مۇھاپىزەت قىلىنىپ كەلمەكتە.
2009-12-30
چارشەنبە كۈنى قازاقىستان بىلەن ئىران، قازاقىستاننىڭ ئىرانغا بىر توننا 300 كىلوگرام قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇران ساتماقچى بولغانلىقىغا دائىر مەتبۇئات خەۋەرلىرىنىڭ توغرىلىقىنى رەت قىلدى. ئانالىزچىلار، ئەگەر قازاقىستان ئىرانغا قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇران ساتسا، بۇ ب د ت نىڭ ئىرانغا قاراتقان ئېمبارگو قارارىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
2009-12-30
قازاقىستاندىكى ئەڭ چوڭ مىس كانچىلىك شىركەتلىرىدىن بىرى بولغان قازاقمىس شىركىتىنىڭ چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلىشىچە، خىتاينىڭ بىر بانكىسى قازاقىستان مىللى مەبلەغ فوندى - سامرۇك كازىنا بىلەن بىرلىشىپ، قازاقمىس كانچىلىق شىركىتىگە ئىككى مىليارد 700 مىليون دوللار قەرز پۇل بېرىشكە قوشۇلغان.
2009-12-30
خىتاي گۇاڭجۇ شەھىرىدە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنى ئۇرغانلىقىنى توردا ئېلان قىلغان 3 خىتاي پۇقراسىنى قولغا ئېلىپ، "پىتنە - ئىغۋا تارقىتىش" بىلەن ئەيىبلىگەن.
2009-12-30
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەنگىلىيىنىڭ كەچۈرۈم قىلىشنى تەلەپ قىلىشىغا قارىماي، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى بىلەن ئەيىبلەپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ھىندى قان سېستىمىسىدىكى ئەنگىلىيىلىك ئاكمەل شايىخنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى سەيشەنبە كۈنى ئۈرۈمچىدە ئىجىرا قىلىشى ئەنگىلىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە يىرىكچىلىك پەيدا قىلدى.
2009-12-30
ئامېرىكىنىڭ ئالما شىركىتى خىتايغا ئىشلىگەن iPhone لارنىڭ پروگرامما دۇكىنىدا (app store) تىبەت روھانى داھىسى دالاي لاما ۋە ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمغا ئائىت ئۇچۇرلارنى توسۇيدىغان پروگراممىلار ئورنىتىلغان.
2009-12-29
2009 - يىلى 12 - ئايدن بۇيان خىتاي تىلدىكى ئۇچۇر مەنبەلىرىدىن، ئاپوللو، بوشۇن قاتارلىق تور بەتلىرى ھەم خوڭكۇڭدا چىقىدىغان نۇر گېزىتى قاتارلىق ئۇچۇر مەنبەلىرىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھازىرقى پارتىكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەننىڭ بېيجىڭغا يۆتكىلىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەر بېرىلمەكتە.
2009-12-29
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، بۇ يىل 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي تاقاپ قويۇلغان تېلىفۇن لىنىيە سېستىمىسى ۋە ئېنتېرنېت تور بەتلىرىنىڭ تەدرىجى ھالدا ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
2009-12-29
خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئامېرىكا ۋە كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قېلىش نىسبىتى ئەزەلدىن يۇقىرى. خەۋەرلەردىن قارىغاندا، يېقىندا خىتايدا پۇل تاپقان بايلاردا ئامېرىكىنىڭ يېشىل كارتىنى ئېلىش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، پۇللىرىنى ئامېرىكا بانكىلىرىغا قويۇش ئارقىلىق مەبلەغ سالغۇچى سالاھىيىتىدە يېشىل كارت ئالىدىغان خىتاي بايلىرىنىڭ سانى يىلدىن - يىلغا كۆپەيمەكتە ئىكەن.
2009-12-29
12 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تۈركىيىنىڭ ئۇشاق ۋىلايىتىنىڭ ئۇشاق شەھىرىدە ` شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ۋە ئەيسا يۈسۈف ئالپتېكىن` تېمىسىدا، 12- ئاينىڭ 29 - كۈنى ئەنقەرە غازى ئۈنىۋېرسىتېتىنىڭ زالىدا `قانىغان يارا شەرقىي تۈركىستان` تېمىسىدا يىغىن چاقىرىلدى.
2009-12-29
قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ۋە ئالماتا شەھەرلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركەزلىرى بىرلىكتە 27 - دېكابىر كۈنى قۇددۇس غۇجاميارۇف نامىدىكى دۆلەت تىياتىرىدا "يۈسۈف خاس ھاجىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 990 يىللىقى ھەمدە 'قۇتادغۇ بىلىگ'نىڭ كرىل يېزىقىدا ئۇيغۇرچە نەشر قىلىنغانىلىقى" مۇناسىۋىتى بىلەن ئەدەبىيات - سەنئەت پائالىيىتى ئۇيۇشتۇردى.
2009-12-29
ۋاپادارلىق دېگەن سۆز قولاقلارغا چىرايلىق ئاڭلىنىدىغان، قەلبلەرگە تولىمۇ يېقىملىق بىر سۆز. ھەركىمنىڭ كۆڭلىدىكى ۋاپادار كىشىلەرگە بولغان ھۆرمەت - ئىھتىرام، ئۇنىڭ بىلەن مۇئامىلە قىلىش ئىشلىرىدىكى خاتىرجەملىك، ئىشەنچ ۋە كۆڭۈل ئازادىلىكى بۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.
2009-12-29
ئۇزۇندىن بېرى ئۇيغۇرلار قۇرغان ئىككىنچى جۇمھۇرىيەتنىڭ چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى شەرتنامىلار ئارقىلىق سېتىلغانلىقى توغرىسىدا ئۇيغۇر زىيالىيلىرى مۇھاكىمىلەر ئېلىپ بېرىشقان ئىدى.
2009-12-29
ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى تۈنۈگۈن ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ ئۇيغۇر رايونىدا ئىنتېرنېت ۋە تېلىفون قاتارلىق ئۇچۇر ئالاقە سىستىمىسىنى قەدەم باسقۇچلۇق ھالدا ئېچىۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2009-12-29
ئەنگىلىيە پۇقراسى ئاقمال شەيخ، 2007 - يىلى خىروئىن ئەتكەسچىلىكى بىلەن قولغا ئېلىنغان ۋە ئۆتكەن يىلى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. مەھكۇمنىڭ ئائىلىسى ۋە بىرقىسىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئاقمال شەيخنىڭ زېھنىي ئاجىزلىق ئەھۋالى بارلىقىنى كۆرسىتىپ، ئاقمال شەيىخنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتاتتى.
2009-12-29
بۈگۈن بۈيۈك ئىرا قاتارلىق خىتايچە تور بەتلەرنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۈرۈمچىدە جۈمە كۈنى نامايىشقا ئىلتىماس سۇنغان 7 ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىنغان. خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ 22 - ۋە 23 - كۈنلىرى ئۈرۈمچىدە يەنە 22 ئۇيغۇر ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلىنىپ، 5 ئىگە ئۆلۈم جازاسى ۋە 5 ئىگە كېچىكتۈرمە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەندىن كېيىن، ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى كىشىلەرنى ئەندىشىگە سالغان.
2009-12-29
خىتاي مەتبۇئاتى تۈنۈگۈن، سومالىدىكى دېڭىز قاراقچىلىرى تەرىپىدىن بۇلاپ كېتىلگەن بىر پاراخوت ۋە گۆرۈگە ئېلىنغان كىشىلەرنىڭ قۇتۇلدۇرۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.
2009-12-28
ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى يېقىندا خىتاي تۈرمىسىدىكى يازغۇچى نۇرمۇھەممەت تۇرسۇننى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، توردا ئىمزا توپلاش ھەرىكىتى قوزغىدى. ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ نىشانى توردا بىر مىليون كىشىلىك ئىمزا توپلاپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يازغۇچى نۇرمۇھەممەت ياسىننى قويۇپ بېرىشى ئۈچۈن جامائەت پىكىرى ھازىرلاشتۇر.
2009-12-28
ئامېرىكىدا چىقىدىغان 'ھەپتىلىك خەۋەر' ژۇرنىلى 2010 - يىلىدا ئامېرىكىنىڭ ئاۋغانىستانغا ئەسكەر كۆپەيتىشنىڭ نەتىجىسى قانداق بولۇدىغانلىقى، پاكىستاننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدە ۋە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىدە قانداق ئۆزگۈرۈش پەيدا بولىدىغانلىقى، ئامېرىكا-كۇبا مۇناسىۋىتىى ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشى قاتارلىق مەسىلىلەردە 10 مۆلچەر ئوتتۇرىغا قويدى.
2009-12-28
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، 20 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ كامبودژادىن خىتايغا قايتۇرۇلۇش ۋەقەسى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھېلىھەم ئاساسلىق سۆز ۋە ئويلىنىش تىمىسى بولماقتا. كىشىلەر ۋەقەنىڭ باش-ئاخىرى ۋە سەۋەپ-نەتىجە مۇناسىۋتى ھەققىدە سوئال-سوراقلارنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
2009-12-28
خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ بىر مۇئاۋىن مىنىستىرى، بىخەتەرلىك ئىدارىسى خادىملىرىنىڭ چەتئەللەر بىلەن بىۋاستە ئالاقىسى بار پۇقرالارنىڭ تېلىفون، ئىنتېرنېت ئالاقىلىرىنى ئاڭلىغان ۋە كۆزەتكەندىن سىرت، ئالاھىدە ئەھۋال ئاستىدا خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ تېلېفون ئالاقىلىرىنىمۇ ئاڭلايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.