ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2009-08-31
ئۇرال - ئالتاي تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان قەلەمكەشلەرنىڭ يىغىنى 8 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە باشلىنىپ 29 - ئاۋغۇست كۈنى ئىستانبۇل شەھىرىدىكى ئوسمان ئابىدىسى مېھمانخانىسىنىڭ يىغىن زالىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى.
2009-08-31
ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەر ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ۋاسىتىلەرنىڭ بىرى ئوخشىتىش بولۇپ، مەلۇم بىر ئۇقۇمنى چۈشەندۈرۈشتە ئۇنىڭ رولى ئىنتايىن زور. چۈنكى ئۇ تىلنىڭ كونكرېت، جانلىق، ئوبرازلىق بولۇشىغا ياردەم بېرىپ، كىشىلەرنىڭ چۈشىنىشىنى ئوڭايلاشتۇرىدۇ. ئوخشىتىش ئارقىلىق ئوي - پىكىرنى ۋە چوڭقۇر بىر مەزمۇننى ئوبرازلىق ئۇقتۇرغىلى بولىدۇ.
2009-08-31
خىتاي ھۆكۈمىتى "شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان خىتاي تىلى ئوقۇتقۇچىلىرى" نامىدا ئۇيغۇر ئېلىگە خىزمەتچى يۆتكەشكە باشلىغان. شىنخۇئا ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، 27 - ئاۋغۇست، 25 نەپەر شاڭخەيلىك ئوقۇتقۇچى ئۇيغۇر ئېلىگە يېتىپ كېلىپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىگە خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
2009-08-31
ئۇيغۇر ئېلىدىن يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر قىزلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ مېڭىلدى. دەل شۇ پەيتتە، ئۇيغۇر ئېلىگە جايلاشقان بىڭتۇئەن خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن زور تۈركۈمدە ئاققۇن ئىشچىلارنى قوبۇل قىلدى.
2009-08-31
ئۇيغۇر ئېلىدە زور كۆلەمدە كەم ئۇچرايدىغان نىئوبىي ۋە تانتال قاتارلىق خىمىيىلىك ئېلېمېنتلار قاتلىمى بايقالدى. تەيۋەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر ئېلېمېنتلار قاتلىمى ئاقسۇ ۋىلايىتى باي ناھىيىسى تەۋەسىدىن بايقالغان.
2009-08-31
خىتايدا يەنە قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىش ھادىسىسى كۆرۈلدى. مەلۇم بولۇشىچە، زەھەرلىنىش يۈننەن ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ نۆۋەت جەمئىي ئىككى يۈز بالا قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىپ ياتاققا ئېلىنغان.
2009-08-31
بۇ نۆۋەتلىك ياپونىيە پارلامېنت سايلىمىدا، ياپونىيە دېموكراتلار پارتىيىسى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنى يەڭدى. سايلامدىن كىيىن، ئامېرىكا ۋە بىر قىسىم ئاسىيا ئەللىرى ياپونىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
2009-08-31
ئىسرائىلىيىنىڭ ھايفا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاسىيا تەتقىقات فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى يىتساك شىخۇرنىڭ " تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئۇيغۇر توسۇقى" ماۋزۇلۇق كىتابچىسى يېقىندا ئامېرىكىدىكى شەرق - غەرب تەتقىقات مەركىزى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى.
2009-08-31
پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى سۋات ۋادىسىدا يەكشەنبە كۈنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش خاراكتېرلىق بومبا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 14 ئادەم قازا قىلغان. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ پارتلاش سۋات ۋادىسىدىكى ئاساسلىق شەھەر مىنگورادىكى بىر ساقچى پونكىتىدا بولغان.
2009-08-31
ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ ئاۋام پالاتاسىنىڭ سايلىمى ئاخىرلاشقان بولۇپ، يەكشەنبە كۈنىدىكى سايلام نەتىجىسى ياپونىيە دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ غەلىبە قازانغانلىقىدىن دېرەك بەردى.
2009-08-31
تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما يەكشەنبە كۈنى تەيۋەنگە يېتىپ كەلگەن. خىتاي تەرەپنى بىئارام قىلغان بۇ زىيارەت كۈتۈلمىگەن يېڭىلىققا دۇچ كەلدى.
2009-08-31
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىرما چېگرىسى ئىچىدىكى خىتاي مىللىتىنىڭ ئالاھىدە ئاپتونومىيىلىك رايونى كوكاڭ رايونىدا خىتاي مىللىتىنىڭ قوراللىق قوشۇنى بىلەن بىرما ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ئارىسىدىكى ئۇرۇشلار داۋاملاشماقتا.
2009-08-30
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، بېرمىدا ھۆكۈمەت قىسىملىرى بىلەن كوكاڭ رايونىدىكى يەرلىك قىسىملار ئوتتۇرىسىدا بۈگۈنمۇ ئۇرۇش بولىۋاتىدۇ. يۈننەن قىزىل كىرىس جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خې يوڭچۈننىڭ ئېنگىلىزچە چىقىدىغان 'خەلق گېزىتى'گە سۆزلەپ بېرىشىچە، بېرما تەرەپتىكى ئېتىشىش تۈنۈگۈن كېچىدە بىردەم توختىغاندىن كېيىن، بۈگۈن ئەتىگەن سائەت 8 لەردە يەنە باشلانغان.
2009-08-30
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، خىتاي دۆلەت قۇرغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، 8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى كېچىدە، بېيجىڭدا 200 مىڭ كىشىلىك تەبرىك مەشىقى ئۆتكۈزدى. بۇ تەبرىك مەشىقىدە يەنە 60 دانە بېزەلگەن ئاپتوموبىل رول ئالدى. بۇ مەشىق بۈگۈن ئەتىگەندە يەنە بىر قېتىم تەكرارلاندى.
2009-08-30
رادىئومىز مۇخبىرلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى رۇسىيىنىڭ سېبىرىيىدىكى كراسنويارىسكى رايونىدا، خىتايلار 'جەنۇب بازىرى' دەپ ئاتىۋالغان بىر چوڭ بازاردا، خىتاي سودىگەرلىرى بىلەن ئەزەربەيجانلىق سودىگەرلەر ئوتتۇرىسىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بەردى.
2009-08-30
'ئاۋسترالىيان گېزىتى'نىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا ئوباما ھۆكۈمىتى ئاۋسترالىيىنىڭ باش مىنىستىرى كەۋىن رۇدنى، خىتاينى ئەڭ ياخشى چۈشىنىدىغان غەرب رەھبەرلىرىنىڭ بىرى، ئۇ، خىتاي - ئاۋسترالىيە مۇناسىۋىتىدىكى قېيىن مەسىلىلەرنى، يەنى بۇنىڭدىن كېيىن خىتاي بىلەن ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگۈسى قېيىن مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا يېڭى ئۈلگە ياراتتى، دەپ يۇقىرى باھا بەرگەن ۋە مەدىھىيىلىگەن.
2009-08-28
خىتاي دائىرىلىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىگە جاۋابكار قىلىپ كۆرسىتىپ،مەزكۇر ۋەقەنى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە چېگرا ئىچىدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ بىرلىكتە ئېلىپ بارغان زوراۋانلىقى دەپ ئەيىبلىگەندىن سىرت، ھەتتا بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى، رابىيە قادىر ھەمدە چەتئەلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا قارىتا قارشى پىكىر يۈرگۈزۈشكە تەشكىللەپ كەلمەكتە.
2009-08-28
77 يېشىدا مېڭىسدىكى ئۆسمە سەۋەبلىك ھايات بىلەن ۋىدالاشقان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى تەد كېننېدىينىڭ ئۆلۈم خەۋىرى پەقەت ئامېرىكىدىلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيادا زور تەسىر قوزغىدى. ئامېرىكىدىكى مۇھىم دۆلەت ئەربابلىرى ۋە ھەر قايسى دۆلەت لىدېرلىرى ئارقا - ئارقىدىن تەزىيە تېلىگراممىلىرى يوللاپ، ئۇنىڭ ھاياتىغا يۈكسەك باھا بەردى.
2009-08-28
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن رانگۇن شەھىرىدىن بايان قىلىشىچە، بېرمىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى 1 - ئالاھىدە رايوندا بىر نەچچە كۈندىن بۇيان ۋەزىيەت جىددىيلەشكەن. بېرمىنىڭ بۇ رايونىدىكى چېگرا خەلقى ۋە بۇ رايوندا تىجارەت قىلىۋاتقان خىتاي پۇقرالىرى پاراكەندە بولۇپ يۈننەنگە قېچىشقا باشلىغان.
2009-08-28
يېقىندا ۋەتەنگە تۇغقانلىرىنى يوقلاپ بارغان بىر ئۇيغۇر، ئىستانسىمىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ۋەتەن زىيارىتى جەريانىدا كۆرگەنلىرىنى بايان قىلدى.
2009-08-28
ئىشپىيون گۇماندارى بابۇر مەخسۇتنىڭ سوتىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار بىر قانچە ئايدىن بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كىلىۋاتقان قىزىق تىمىلارنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە ئىدى. بۈگۈن 8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئىشپىيون گۇماندارى بابۇر مەخسۇتنىڭ ئۈستىدىن يەنە بىر قېتىم سوت ئېچىلدى.
2009-08-28
5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ كۆلەمدە يەر ئالغاندىن سىرت، بەزى دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرىنىڭمۇ كۈن تەرتىپىگە كەلگەن ئىدى. ۋەقەدىن كېيىن ئىراق تۈركمەن پارلامېنت ئەزاسى فەۋزى ئەكرەم تەرزىئوغلۇ ئىراق پارلامېنتىدا سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىگەن ۋە ئىراق ھۆكۈمىتىنى خىتاي دۆلىتى بىلەن بولغان تىجارىي مۇناسىۋىتىنى توختىتىشقا چاقىرغان.
2009-08-28
2009 - يىلى 8 - ئاينىڭ 25 - كۈنى خىتايدا نەشر قىلىنىدىغان "يەر شارى ۋاقىت گېزىتى"، "ئۇرۇش تەھدىتى خىتايدىن يىراق ئەمەس" ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلدى. بۇ ماقالە شۇ كۈنى ئۇيغۇر بىز تور بېتىگە كۆچۈرۈپ بېسىلدى.
2009-08-28
ئامېرىكا دائىرىلىرى پەيشەنبە كۈنى، خىتاي ھۆكۈمىتىگە مۇراجىئەت قىلىپ، رابىيە قادىرغا زەربە بېرىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئائىلىسىدىن ئۆچ ئالماسلىقى كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى.
2009-08-28
ئۇيغۇرلارنىڭ رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 5 - كۈنىگىچە بېلىگىيە پايتەختى بېريۇسېلنى زىيارەت قىلىپ، ياۋروپا پارلامېنتىدىكى مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر بىلەن ئۇچرىشىدۇ.
2009-08-28
ب د ت جۈمە كۈنى خۇلاسە دوكلاتى ئېلان قىلىپ، خىتاينى ئۆتكەن يىلى تىبەتتە پارتلىغان ئىسيان ۋە بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدە قولغا ئېلىنغان تۇتقۇنلارغا " ئىنسانىي مۇئامىلە " قىلىشقا، ئۇلارنى ئادىل سوتلاشقا چاقىردى.
2009-08-28
ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ھەر قايسى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن 8 - ئاينىڭ 24 - كۈنىدىن 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنىگىچە ئوقۇتقۇچىلارنى ھەر بىر ئائىلىگە ئەۋەتىپ، ئاتا - ئانىلارغا پەرزەنتلىرىنى مەكتەپكە ئەۋەتىش توغرىسىدا تەلىم تەربىيە بېرىشنى بۇيرۇغان.
2009-08-27
ئامېرىكىدىكى ئالىملار مايمۇنلارنىڭ گېنى ئۈستىدە تەجىرىبە ئېلىپ بېرىپ، ئېرسىيەت كېسىلى بار بىر ئانا مايمۇن ۋە بىر ساغلام ئانا مايمۇندىن ئايرىۋالغان گېن ماتېرىيالىدىن ساغلام مايمۇنلارنى پەيدا قىلدى. ئالىملار، بۇ ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىسى ئادەملەرگە تەدبىقلانسا ئېرسىيەت كېسىلى بار ئاياللارغا ساغلام بالا تۇغۇش ئىمكانىيتى يارىتىپ بېرىدۇ، دەپ قارىماقتا.
2009-08-27
ئۈرۈمچى دائىرىلىرىنىڭ رابىيە قادىر سودا سارىيىنى چېقىشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىدىن ئۆتكەن ھەپتە خەۋەردار بولغان ئىدۇق. ئۈرۈمچى نەنگۇەن ساقچىخانىسىغا قايتا - قايتا تېلېفون قىلىش ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىر سودا سارىيىنى چېقىش ۋە سارايدىكى دۇكاندارلارنى كۆچۈرۈش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىغا بىر ئايدىن ئاشقانلىقى ئاشكارىلاندى.