ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2010-12-31
يېقىنقى 20 يىل ئىچىدە ۋەتەن ئىچىدىكى بىر تۈركۈم ئۇيغۇر شائىر ۋە يازغۇچىلىرى تۈرلۈك سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن چەتئەللەرگە ھىجرەت قىلدى. ئۇلار نۆۋەتتە ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردىكى ئەركىن ۋە دېموكراتىك مۇھىتتىن پايدىلىنىپ، بىر قولىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق، يەنە بىر قولىدا تىنچىماس قەلىمى بىلەن مۇھاجىرەتتە داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ ئاكتىپلىرى ۋە بايراقدارلىرىغا ئايلاندى.
2010-12-31
"مېر تور بىتى"دە ئېلان قىلىنغان" ئاۋىئاماتكا يىتىپ كەلدى، جۇڭگونىڭ گۆرى قېزىلدى" ماۋزۇلۇق ماقالە، 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 28- كۈنى "ۋەنۋىي تور بىتى"گە چاپلاندى.
2010-12-31
2010-يىلى ئاخىرلىشىپ 2011-يىلى كىرەي دەپ قالغان بۈگۈنكى كۈندە، پۈتۈن ئۇيغۇرلار جۈملىدىن تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار 2010-يىلىنى خۇلاسىلەپ، 2011-يىلىدىن كۈتكەن ئۈمىدلىرىنى يېقىنلىرىغا ئاڭلاتماقتا.
2010-12-31
تەڭرىتاغ تورى 31 - دېكابىر كۈنى ئېلان قىلغان "شىنجاڭدىكى 2010 - يىللىق 10 چوڭ خەۋەر" ناملىق يازمىدا ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ سىياسىي كىلىماتىدا 2010 - يىلى يۈز بەرگەن بىر قىسىم ۋەقەلەر تىلغا ئېلىنغان.
2010-12-31
1958-يىلى، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ يادرو ھەمكارلىقى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتتى. سوۋېت ئالىملىرى خىتاينىڭ ئاتوم ساھەسىدە ئاكتىپ خىزمەت قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ئاستا-ئاستا بۇزۇلۇشقا قاراپ يۈزلەندى.
2010-12-31
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق ئوفىتسېرى 87 ياشلىق تۇرسۇن داراجى مۇسايوف 30 - دېكابىر كۈنى بېشكەك شەھىرىدە داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي، بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشتى. دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشقان يۈزلىگەن كىشىلەر ئۇنىڭ ۋەتەن ئۈچۈن كۈرەشكەن جەڭگىۋار ھاياتىنى ئەسلەپ، ئۇيغۇر جامائىتى ئۈچۈن قىلغان ياخشى ئىش-ئىزلىرىنى خاتىرىلىدى ھەمدە ئۇنىڭ ئەخلاقى پەزىلىتىگە يۇقىرى باھا بەردى.
2010-12-31
مەركىزى فرانسىيە پايتەختى پارىژدىكى خەلقئارا ئاخبارات ئەركىنلىك ئورگىنى- چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى دۇنيانىڭ 2010 - يىللىق ئاخبارات ئەركىنلىك ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، ئاخبارات خادىملىرىنىڭ بۇ بىر يىلدا ئۆلتۈرۈلۈش، قولغا ئېلىنىش، گۆرۈگە تۇتۇلۇش، تەھدىت ۋە جىسمانىي ھۇجۇمغا ئۇچراش، قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇش قاتارلىق 9 تۈرلۈك زىيانكەشلىككە ئۇچراش ھادىسىسى ئۈستىدىن باھالاش ئېلىپ باردى.
2010-12-31
يېقىندا يەكەن ناھىيىسىدىكى يەرلىك دائىرىلەر مەزكۇر ناھىيىدىكى بىر توپ ئۇيغۇر ۋە خىتاي خرىستىئان مۇرىتلىرىنىڭ بىر يەرگە توپلىنىپ، روجىستىۋا بايرىمى ۋە يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن بىرلەشمە دىنىي مۇراسىمىغا مۇداخىلە قىلغان.
2010-12-31
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى دائىرىلىرى كېلەر يىلدىن باشلاپ يول ياقىسىدىكى كەچلىك بازارلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن باشقا رايونلاردىمۇ بۇنداق بازارلارنى تەستىقلىماسلىقنى قارار قىلغان.
2010-12-31
ياپونىيە باش مىنىستىرى نائۇتو كان 2011- يىلى خىتاينى زىيارەت قىلىپ، ئۆتكەن يىلى 9 - ئايدا سېنكاكو تاقىم ئارىلىنىڭ ئەتراپىدا يۈز بەرگەن خىتاي بېلىقچىلار كېمىسى بىلەن ياپونىيە چارلاش پاراخوتىنىڭ ئۆز ئارا سوقۇلۇپ كېتىش سەۋەبىدىن جىددىيلىشىپ كەتكەن ياپونىيە -خىتاي مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئويلاشماقتا ئىكەن.
2010-12-30
بۇ بىر يىل جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك قانداق زور مۇھىم ۋەقەلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى نۆۋەتتە گۈلچېھرە تەييارلىغان پروگرامما ئارقىلىق ئەسلەپ ئۆتەيلى.
2010-12-30
ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئونسۇ ناھىيە قىزىل دېھقانچىلىق مەيدانىدىن بۇرۇن بېيجىڭغا 11 قېتىم ئەرز قىلىپ كەلگەن 84 ياشلىق ئەرزدار ئابدۇرېھىم موللەك ئاكا، 4 ئاينىڭ ئالدىدا بېيجىڭدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ۋە يۇرتىغا بارغاندا، يېڭى مەيدان باشلىقى ئۇنىڭ يەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن ۋە ئۇنىڭدىن ئەرز قىلىشتىن توختاشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
2010-12-30
خىتاينىڭ تۇنجى ئاتوم بومبىسى پىلانى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خىتاينىڭ يادرو قوراللىرى تېخنىكىسىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ھەم ئەمەلىي ياردەملىرى شۇنىڭدەك بۇنىڭ سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ رەقىبلىك دەۋرىگە كىرىشىدە ئوينىغان رولى رۇس، خىتاي ۋە غەرب تارىخچىلىرى ئۈچۈن قىزىقارلىق تېما.
2010-12-30
-ئاينىڭ 29-كۈنى ياپونىيە ت ب س تېلېۋىزىيە قانىلىدا كەچ سائەت 8 يېرىمدا تارقىتىلغان ئىككى يېرىم سائەتلىك "تاككۇرۇ" پروگراممىسىدا "خىتاي دېموكراتىيىلىشىشكە يۈزلىنەمدۇ؟" ناملىق نەق مەيدان مۇنازىرە پروگراممىسى تارقىتىلغان.
2010-12-30
ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياشلاردىن ئۇنىۋېرسىتېتى سەۋىيىدە ئوقۇغان ياشلار ئۈچۈن ھەر 15 كۈندە بىر قېتىم ئىستراتېگىيە دەرسى ئورۇنلاشتۇرۇپ كەلمەكتە. بۇ ئىستراتېگىيە دەرس پروگراممىدا لېكسىيە سۆزلەپ بېرىش ئۈچۈن تەكلىپ قىلىنغان، سىياسىي ۋە ئىستراتېگىيە جەھەتتە تەجرىبىگە ئىگە بىر قىسىم تۈرك دوكتور پروفېسسورلار لېكسىيە سۆزلەپ بەرمەكتە.
2010-12-30
خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جىېچى 27-دېكابىردىن 29-دېكابىرغىچە قازاقىستاندا رەسمىي زىيارەتتە بولدى. يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ئۇ قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قانات سائۇدابايېفنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن كەلگەن.
2010-12-30
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق ئوفېتسىرى 87 ياشلىق تۇرسۇن داراجى مۇسايوف 30 - دېكابىر كۈنى بېشكەك شەھىرىدە داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي، بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشتى.
2010-12-30
خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرىگە كىرگۈزۈپ، ئاز دېگەندە 5 مىليارد 73 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان قەشقەر-خوتەن تۆمۈر يولى قۇرۇلۇشىنىڭ 30 - دېكابىر كۈنى رەسمىي پۈتكەنلىكى ئېلان قىلىندى.
2010-12-30
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى 30 - دېكابىر كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، 2015 - يىلدىن بۇرۇن ئۇيغۇر ئېلىدە ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ئىش كۈتۈپ تۇرغان ئوقۇغۇچىلاردىن 280 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
2010-12-30
رۇسىيە پرېزىدېنتى مىدۋېدېف رۇسىيىدە "خىتاي شەھەرچىلىرى"گە ئوخشاش بىر مىللەت ئاھالىسى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئاھالىلەر رايونلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2010-12-30
فرانسىيە لېموندىې گېزىتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي 1989 - يىلى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار دېموكراتىيە ھەرىكىتىنى باستۇرغاندىن كېيىن، خىتايغا قويغان قورال-ياراق ئېمبارگوسىنى كېلەر يىلنىڭ باشلىرى بىكار قىلماقچى ئىكەن.
2010-12-29
نۆۋەتتە 2010-يىلىنى ئۇزىتىپ 2011-يىلىغا كىرىش بوسۇغىسىدا تۇرغان مۇشۇ پەيتتە، ئىنسانلار ئۆزىنىڭ بۇ بىر يىل مابەينىدە بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىسىدىكى تەجرىبە ساۋاقلىرىدىن يەكۈنلەر چىقىرىدۇ. ئۇنداقتا چەتئەللەردە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدا پائالىيەتلىرىنى داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى، ئۆتكەن بۇ بىر يىل ئىچىدىكى خىزمەت ۋە پائالىيەتلىرىنى قانداق يەكۈنلەيدۇ؟
2010-12-29
گېرمانىيە پارلامېنتى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى پولەنس 28 - دېكابىر كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنى ياۋروپا بىرلىكىنى دەرھال ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىش چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
2010-12-29
يېقىندا ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئېلى مەرتان دۈندار ئەپەندى نەشرگە تەييارلىغان "پانئىسلامىزمدىن بۈيۈك ئاسىيالىققا ئوسمانىيە ئىمپېراتورلۇقى، ياپونىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا" دېگەن كىتاب ئۆتۈكەن نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا نەشر قىلىندى.
2010-12-29
كانادا كۆچمەنلەر مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى جاسون كېننېي مەزكۇر مىنىستىرلىقنىڭ تور بېتىدىكى باياناتىدا، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىمىزدىكى 5 يىل ئىچىدە ھىندىستاندا پاناھلىنىۋاتقان تىبەتلىكلەردىن 1000 نەپىرىنى كاناداغا ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2010-12-29
ئۇيغۇر دىيارىدىن تۈركىيىگە كېلىپ يەرلىشىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر دىيارىدىن قايتىپ كەلگەن بىر ئۇيغۇر 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت تېخىمۇ كۈچەيگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بەزى سىياسەتلىرىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
2010-12-29
كانادا باش مىنىستىرى ستەۋېن خارپېر بايانات ئېلان قىلىپ، بېرمىنىڭ ئايال دېموكراتىك يولباشچىسى ئاڭ ساڭ سۈكىنى كاناداغا كېلىپ، كانادانىڭ شەرەپ پۇقرالىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى تاپشۇرۇپ ئېلىشقا تەكلىپ قىلدى.
2010-12-29
خىتاي بىلەن ۋاتىكان ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر، يېقىنقى يىللاردىن بېرى، خىتاينىڭ ئاتالمىش ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات يېتىشتۈرۈش ۋە كاتولىك چېركاۋلىرىنى ۋەتەنپەرۋەر كاتولىك دىنىي زاتلىرىنىڭ قولىغا ئۆتكۈزۈش تىرىشچانلىقى سەۋەبىدىن بەزىدە رەنجىشىش ۋە بەزىدە يىرىكلىشىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرمەكتە.
2010-12-29
خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى ئىقتىسادىي جىنايەتلەر بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى مىڭ چىڭفېڭ، تۈنۈگۈن خىتاي كۈندىلىك گېزىتى مۇخبىرىغا قىلغان سۆزىدە، خىتايدىن دۆلەت ۋە شىركەتلەرنىڭ پۇلىنى ئېلىپ قاچقان ئىقتىسادىي جىنايەت گۇماندارلىرىدىن ئاز دېگەندە 580 كىشىنىڭ نۆۋەتتە چەتئەللەردە پاناھلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.