ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2010-11-30
تۈركىيىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن "مەزلۇملار جەمئىيىتى" يېقىندا دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاسىيادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەڭ ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندىچىلىككە ئۇچۇراۋاتقان رايون ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. "مەزلۇملار جەمئىيىتى" نىڭ دوكلاتىدا يەنە تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا جامائەتچىلىكنى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگ ئەكۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان.
2010-11-30
مۇتەخەسسىسلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كاناداغا سىڭىپ كىرىشنى جىددىيلەشتۈرۈپ، كانادانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە دېموكراتىك تۈزۈمىگە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
2010-11-30
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللاري كلىنتون خانىمنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيفا زىيارىتى بۈگۈن رەسمىي باشلاندى.
2010-11-30
ئەيدىز كېسىلى گرىپتارى خىتاينىڭ دۆلەتلىك ئەمگەك ئىدارىسى ۋە سەھىيە مىنىستىرلىكى قاتارلىق ئورۇنلارغا مۇراجەتنامە يوللاپ، خىتايدا ئىشچى-خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتا سالامەتلىك ئۆلچىمىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان
2010-11-30
قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەكتە پارتىلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئىككى نەپەر ساقچى يېنىك ھالدا يارىلانغان
2010-11-30
ئاقسۇ شەھىرىنىڭ 5 - باشلانغۇچ مەكتىپىدە پاتىپاراقچىلىق سەۋەبىدىن يارىلىنىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 41 نەپەر ئوقۇغۇچى يارىلانفان
2010-11-30
يازغۇچى ۋە تەتقىقاتچى ئابدۇرېھىم ئابلەتخان ئۆزىنىڭ نادىر ماقالىلىرى ۋە بىر قىسىم ئەدەبىي خاتىرىلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدا ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تونۇلغان قەلەمكەشلەردىن بېرىدۇر.
2010-11-29
شۋېتسىيىنى بازا قىلغان "ۋىكىلىكس" ناملىق تور بېتىنىڭ 250 مىڭ بەتلىك ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى مەخپىي ھۆججىتىنى ئېلان قىلىشى دۇنيادا زور غۇلغۇلا قوزغىدى. مەزكۇر مەخپىي ھۆججەتلەرنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ۋە گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار ۋە شۇنداقلا خىتاينىڭ قىرغىزىستاندىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنى تاقىتىۋېتىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ھەرىكىتىگە دائىر مەزمۇنلار بار.
2010-11-29
سلوۋاكىيە پايتەختى براتىسلاۋا شەھرىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى مەركەز قىلغان ھالدا ئىنسان ھەقلىرى تېمىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەن
2010-11-29
ئالىم كوممۇنار تالىپوفنىڭ خاتىرىسىگە بېغىشلانغان "ئۇلۇغ يىپەك يولىدىكى شەرق بىلەن غەربنىڭ ئۇزارا باغلىنىشى" ماۋزۇسىدا خەلق ئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى.
2010-11-29
تۈركىيىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان ترابزون ۋىلايىتىنىڭ ئاقچائابات ناھىيىسى بىلەن تۈركىيىنىڭ غەربىگە جايلاشقان بۇرسا شەھىرىدە 11-ئاينىڭ 27-كۈنى "شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي زۇلۇمى" كۆرگەزمىسى ئېچىلدى.
2010-11-29
ئۆتكەن ئاينىڭ 12-كۈنى قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ ئارال يېزىسىدا 6 نەپەر خىتاي كۆچمەننىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، قەشقەردىكى خىتاي كۆچمەنلىرى ۋە دائىرىلەر ئارىسىدا چوڭ ساراسىم پەيدا قىلغان ئىدى
2010-11-29
مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئەپەندى "ئانا تىل قايغۇسى ۋە قوش تىللىق مائارىپقا تەلەپ" ناملىق تەكلىپ لايىھىسىنى ئېلان قىلدى
2010-11-29
29نويابىر دۈشەنبە كۈنى، بىر قىسىم جەنۇبىي كورىيىلىكلەر سېئۇلدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدى ۋە شەھەر مەركىزىدە نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ شىمالىي كورىيە مەسىلىسىدە جىم تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى
2010-11-29
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، شىۋىتسارىيىدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئىسپانىيىنىڭ بارسېلونا شەھىرىدە زىيارەتتە بولماقتا.
2010-11-29
"دۇنيا ئەيدىز كۈنى" يېتىپ كېلىش ئالدىدا خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان ھۆكۈمەت دوكلاتىغا قارىغاندا، خىتايدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى 319 مىڭ 877 گە، ھازىرغىچە بۇ كېسەللىكتە ئۆلگۈچىلەر سانى 68 مىڭ 315 كە يەتكەن.
2010-11-29
يەرلىك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەكەن ناھىيىسىدە ئۇچۇر-ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە قارىتىلغان كونتروللۇقنى كۈچەيتكەنلىكى ئاشكارىلانماقتا.
2010-11-29
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان " قوش تىل" مائارىپى سىياسىتى ئۈچۈن پەقەت بۇ يىل ئىچىدىلا 1 مىليارد 500 مىليون يۈەن ئاجرىتىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
2010-11-29
دۈشەنبە كۈنى، ئاقسۇ شەھىرىدىكى بىر ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتىپىدە يۈز بەرگەن پاتىپاراقچىلىقتا نۇرغۇن ئوقۇغۇچى يارىلانغان.
2010-11-28
ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيىنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى يەكشەنبە كۈنى سېرىق دېڭىزدا باشلاندى ۋە مەزكۇر بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرنىڭ ۋاقتى تۆت كۈن بولۇپ، ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي كورىيە پاراخوتلىرى جەنۇبىي كورىيىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا يېقىن دېڭىز تەۋەلىكىدە مانېۋىر قىلغان.
2010-11-28
خىتاي ھۆكۈمىتى 12-ئاينىڭ بېشىدا بېيجىڭدا ئالتە تەرەپ جىددىي يىغىن ئېچىپ، كورىيە يېرىم ئارىلى كرىزىسىنى ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى.
2010-11-28
ئۆتكەن يىلىدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، بۇ يىل خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى چاقىرىپ، بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تەڭشەش ئېلىپ بارغان ئىدى. بۇ جەرياندا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كوممۇنىستىك پارتىيە ئورگىنى بىر قانچە قېتىم مەخسۇس يىغىنلارنى ئورۇنلاشتۇردى.
2010-11-28
قىرغىزىستاننىڭ 24.كگ ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، يېقىندا قىرغىزىستان پرېزىدېنتىنىڭ سىياسى ئىشلار مەسلىھەتچىسى توپچىبەك تۇرغانالىيېۋ قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەكنى ماناسقا ئۆزگەرتىش ئىدىيىسىنى ئوتتۇرىغا چىقارغاندىن كېيىن، بۇ مەسىلە بويىچە قىرغىزىستاندا بەس-مۇنازىرە قوزغالغان.
2010-11-28
قازاقىستاننىڭ مۇئاۋىن مائارىپ مىنىستىرى ماخمېتگالى سارىبېكوف كۆچمەنلەر مەسىلىسىگە ئائىت بىر يىغىندا قازاقىستاندا 100 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنىڭ ئايرىم -ئايرىم ھالدا ئۆزبېك، ئۇيغۇر ۋە تاجىك تىللىرىدا مائارىپ تەربىيىسى ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
2010-11-27
ئامېرىكا ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسىي پېلوسى خانىم، نوبېل كومىتېتنىڭ تەكلىپى قوبۇل قىلىپ، بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شياۋبوغا مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2010-11-27
خىتاي دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى جۇڭگو نېفىت-خىمىيە ھەسسىدارلىق شىركىتى ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاينىڭ جېجىياڭ ئۆلكىسىگە تۇتىشىدىغان گاز تۇرۇبىسى ياسىماقچى.
2010-11-27
مۇناسىۋەتلىك خادىملار خىتايدىكى ئەڭ چوڭ يادرو ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىنىڭ غەربى شىمال رايونىدىكى گوبى چۆلىگە ياسايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
2010-11-27
26- نويابىر خىتاي دۆلەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئۈرۈمچىدە " شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى" ئېچىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ " شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى" گە ئاساس سېلىشىنى، ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشچىلار سېپىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
2010-11-26
`تيەنئەنمىن ۋەقەسىدىن 2008، خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىشى ئۈچۈن كۈرەش ۋە ئۈمىد` ناملىق كىتاب خىتاي يازغۇچىسى ليۇ يانزى تەرىپىدىن رەتلىنىپ، خىتاي تىلىدا يېزىلدى ۋە ياپون تىلىغا تەرجىمە چىلىنىپ نەشىردىن چىقتى
2010-11-26
شىمالىي كورىيىنىڭ ئۆتكەن شەنبە كۈنى جەنۇبىي كورىيىنى توپقا تۇتۇش ۋەقەسىدە تەرەپلەرنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا چاقىرىپ، پيوڭياڭنى ئاشكارا تەنقىد قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان خىتاي ھۆكۈمىتى، جۈمە كۈنى سېرىق دېڭىزدا ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بېرىشقا قارشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيىنى ئاگاھلاندۇردى.