ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2011-07-17
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باينغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى تەۋەسىدە ياشايدىغان موڭغۇللار يېقىندا بايىنبۇلاق يايلىقىغا جەم بولۇپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسۇل ئويناپ، ئات بەيگىسى قاتارلىق تۈرلۈك مىللىي تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، تۇرغۇت موڭغۇل قەبىلىلىرىنىڭ رۇسىيىدىكى ۋولگا دەرياسى ۋادىسىدىن مەزكۇر رايونغا كۆچۈپ كېلىپ يەرلەشكەنلىكىنىڭ 240 يىللىقىنى خاتىرىلىدى.
2011-07-17
يەكشەنبە كۈنى ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ قوشۇنلىرى جايلارنىڭ ئامانلىق ساقلاش ۋەزىپىسىنى يەرلىك ئافغانىستان بىخەتەرلىك كۈچلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە كىرىشتى.
2011-07-17
ۋيېتنامنىڭ پايتەختى خانوي ۋە خۇجىمىن شەھەرلىرىدە يەكشەنبە كۈنى يۈزبەرگەن كىچىك كۆلەملىك خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشلىرى ساقچىلار تەرىپىدىن تارقىتىۋېتىلدى.
2011-07-17
مىسىردىكى مۇبارەك دەۋرىدىكى پارىخور ئەمەلدارلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش نامايىشلىرىنىڭ داۋاملىشىشى نەتىجىسىدە يەكشەنبە كۈنى مىسىر ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ھۆكۈمەتنى قايتا تەشكىللەشكە كىرىشتى.
2011-07-16
رىم پاپاسى شەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ بۇ ھەپتە خىتايدىكى بىر چىركاۋنىڭ باش پوپنى رىم پاپاسىنىڭ تەستىقىسىز تەيىنلىگەنلىكىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
2011-07-16
خىتاي دائىرىلىرى بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانى تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشمەسلىككە چاقىردى ۋە بۇنىڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە دەخلى يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2011-07-16
ھىندىستان تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ۋىشنۇ پاراساك شەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتون خانىمنىڭ كېلەر ھەپتە ھىندىستانغا كېلىدىغانلىقى ۋە ھىندىستان دائىرىلىرى بىلەن خەۋپسىزلىك مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2011-07-16
لىۋىيە قوزغىلاڭچىلىرى شەنبە كۈنى لىۋىيە پايتەختى ترىپولىغا 80 كىلومېتىر يېقىنلاپ كەلدى ۋە لىۋىيىنىڭ غەربىدىكى تاغلىق كەنت-بىر غەنەمدە كازافىي قىسىملىرى بىلەن قاتتىق تۇتۇشتى.
2011-07-16
تەيۋەن دائىرىلىرى ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش ئىشلىرىغا قايتا نەزەر سېلىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ ھەقتىكى سۆزلەرنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا زىيارەتتە بولۇۋاتقان تەيۋەن ئۇچۇر مىنىستىرى فىلىپ ياڭ ئوتتۇرىغا قويدى.
2011-07-15
ئۇيغۇر ئېلىدە سىياسىي جىنايەتچىلەرنىڭ جازا مۇددىتى توشۇپ، تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىنمۇ، داۋاملىق قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئېلىنماقتا ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمۇ بېسىم ۋە كەمسىتىشلەرگە ئۇچرىماقتا.
2011-07-15
پاكىستاندىكى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى ئۆتكەن ھەپتە پاكىستان دۆلەتلىك ئالىي سوتقا پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئۈستىدىن ئەرز سۇنغان ئىدى.
2011-07-15
50 يىل داۋام قىلغان مۇستەقىللىق كۈرىشىدىن كېيىن ئۆز مۇستەقىللىقىغا ئېرىشكەن جەنۇبىي سۇدان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن رەسمىي قوبۇل قىلىنىپ، دۇنيادىكى ئەڭ ياش دۆلەتلەرنىڭ بىرى بوپقالدى.
2011-07-15
ب د ت ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان قازاقىستاننىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش يىغىنىغا قاتناشقان د ئۇ ق ۋەكىللىرى، ب د ت دا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار مۇھىم پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان.
2011-07-15
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى 1971-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان بولۇپ، بۇ يىل دەل 40 يىل بولغان.
2011-07-15
ئامېرىكىدىن ئېشىپ كېتىش ياكى ئامېرىكا بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرۇپ دۇنيانى باشقۇرۇش ، ھەربىي ئىشلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە ئامېرىكىدىن ئېشىپ كېتىش، ئىقتىسادى جەھەتتە ئامېرىكىدىن ئېشىپ كېتىش خىياللىرى بويىچە خىتايلار قىزىل راۋاقتا چۈش كۆرۈۋاتىدۇ.
2011-07-15
كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوھن بائىرد خىتاينى زىيارەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ زىيارىتىنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپىدە سودا مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق سۆھبەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق مەزمۇنلار بار.
2011-07-15
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى جۈمە كۈنى 29-قېتىملىق يىغىن چاقىرىپ، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم سېكرېتارى شى داگاڭنى ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە ئۈستۈرگەن.
2011-07-15
يەرلىك دائىرىلەرنىڭ خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە ئاشكارىلىشىچە، ئۈرۈمچى دىئوپو خەلقئارا ئايرودرومى 20-ئىيۇلغا قەدەر يولۇچىلارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى تەكشۈرۈش سىستېمىسىنى يولغا قويۇشنى 100% گە يەتكۈزمەكچى ئىكەن.
2011-07-15
ئامېرىكا ئارمىيىسى شتاب باشلىقلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى گېنېرال مايك مۇللېن جۈمە كۈنى ياپونىيىدە ئۆزىنىڭ خىتايغا قىلغان زىيارىتىدىن مەلۇمات بېرىپ، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ھەربىي مەسىلىلەردىكى كۆز قاراش پەرقى ناھايىتى چوڭ ئىكەنلىكىنى، ئىككى تەرەپ ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ ئۆز-ئارا ئىشەنچ تۇرغۇزۇشى ئۈچۈن ناھايىتى ئۇزۇن مۇساپە بېسىشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2011-07-15
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم جۈمە كۈنى پاكىستاندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىگە تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، ئۇلارنى پاكىستان قانۇنلىرىدىن پايدىلىنىپ ۋەتەنداشلىق ھوقۇقىنى قوغداشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى پاكىستان خەلقىگە چۈشەندۈرۈشكە چاقىرغان.
2011-07-15
ئامېرىكا، تۈركىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، قاتار، ئەنگلىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلپىلىكى قاتارلىق 30 دەك دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى جۈمە كۈنى ئىستانبۇلدا يىغىن چاقىرىپ، كازافىي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنى سالاھىيىتىنى تامامەن يوقاتقانلىقى، بېنغازىنى مەركەز قىلغان لىۋىيە ئۆكتىچى مىللىي كېڭىشىنىڭ لىۋىيىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىردىن-بىر قانۇنلۇق ئورگان ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.
2011-07-14
شىنخۇا تور بېتىدە «خىتايدا 130 دىن ئارتۇق مىللەت تىللىرى ئىشلىتىلىدۇ، خىتاي تىلى بولسا 1 مىليارد 300 مىليون خىتاي نوپۇسى ئورتاق قوللىنىدىغان تىل» دەپ كۆرسىتىلىپ خىتاي تىلىنىڭ مۇھىملىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.
2011-07-14
مەردان سېيىت «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان» جىنايىتى بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، ئائىلىسى «نۇقتىلىق تەكشۈرۈلىدىغان ئائىلىلەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.
2011-07-14
جاۋ زىياڭنىڭ كاتىپى باۋ توڭنىڭ «خۇ جىنتاۋنىڭ، كوممۇنىست خىتاي 90 يىلدا ئۈچ چوڭ ئىش قىلدى» دېگەن سۆزىگە بەرگەن باھاسى ھېچقايسى مەتبۇاتىدا ئېلان قىلىنمىدى.
2011-07-14
ب د ت ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان قازاقىستاننىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش يىغىنى 14-ئىيۇلدىن 16-ئىيۇلغىچە جەنۋەدە ئېچىلىدىغان بولۇپ، د ئۇ ق ۋەكىللىرى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پائالىيەتلىرىنى باشلىۋەتكەن.
2011-07-14
ئىستانبۇل بىلەن ئۈرۈمچى ئوتتۇرىسىدىكى بىۋاسىتە ئايروپىلان قاتنىشى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى رەسمىي باشلاندى.
2011-07-14
2009-يىلنىڭ ئىيۇل ئېيىدا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەلەر دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق غەزەپ-نەپرىتىنى قوزغىغان ئىدى.
2011-07-14
قازاقىستاندا نەشر قىلىنىۋاتقان «ياش ئالاش گېزىتى» نىڭ 12-ئىيۇل سانىدا، مۇستەقىل قازاقىستان دۆلىتىدە رۇس تىلى ۋە رۇس تىلىدىكى ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ يەنىلا ئىشلەۋاتقانلىقىنى، ھازىر بولسا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يەسلى، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ قازاق ئوقۇغۇچىلىرىغا خىتاي تىلى ئۆگىتىدىغان دەرسلىك كىتابلىرىنى باستۇرۇپ كېلىپ تارقىتىۋاتقانلىقىنى ھەمدە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ بىپەرۋالىقىنى تەنقىد قىلىدىغان ماقالە ئېلان قىلىندى.
2011-07-14
يېقىندا بېشكەكتە ئۆتكۈزۈلگەن قىرغىزىستان مىللەتلەر بىرلەشمىسىنىڭ 7-قېتىملىق قۇرۇلتىيىغا قىرغىزىستاندىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان بولۇپ، بۇلارنىڭ قاتارىدا ئۇيغۇرلارمۇ بار.